添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
当前位置: 维文裁判文书 -> 执行文书

(2014) ئىجرا چىقىش 21-نومۇرلۇق

2014-05-04 18:10:10


 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ئىجرا كېسىمنامىسى

(2014) ئىجرا چىقىش 21-نومۇرلۇق

ئىجراغا ئىلتىماس قىلغۇچى تاھىر ئىسمايىل، ئەر، ئۇيغۇر، 1960-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان، دېھقان، يېڭىشەھەر ناھىيە يىڭئېرىق يېزىلىق ئاشلىق پونكىتىنىڭ ئىشچىسى، يېڭىشەھەر ناھىيە ياپچان بازىرى بازار كەنت 1-مەھەللە 92-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.

ئىجرا قىلىنغۇچى ھاپىز مامۇت، ئەر، ئۇيغۇر، 1982-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان، دېھقان (قوشۇمچە شوپۇر)، يېڭىشەھەر ناھىيە ياپچان بازار كاپپا كەنت 3-مەھەللە 3-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.

ئىجرا قىلىنغۇچى قەشقەر قەدىمىي شەھەر ئاپتوموبىل تىرانسىپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى.

جايلاشقان ئورنى: قەشقەر شەھىرى ئايرۇدۇرۇم يولى 160- قورۇ.

قانۇنىي ۋەكىلى: مەمەترىشات مەمەتئىمىن، شىركەت دېرىكتورى.

مەھكىمىمىز قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغان قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغان (2013) ي ھ د 343- نۇمۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسىگە ئاساسەن، 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىجرا قىلىنغۇچى ھاپىز مامۇت بىلەن ئىجرا قىلىنغۇچى ئورۇن قەشقەر قەدىمىي شەھەر ئاپتوموبىل تىرانسىپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ئىجرا ئۇقتۇرشى يېزىپ، بەش كۈن ئىچىدە ئىجرا نىشانىدىكى 35745 يۈەن بىلەن ئىجرا ھەققى 436 يۈەن ئىجرا مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىشىنى بۇيرىغان ئىدۇق. ئىجرا قىلىنغۇچىلار مەجبۇرىيتنى بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ئادا قىلماي، 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىجرا قىلىنغۇچى ھاپىز مامۇتنى 15 كۈن ئەدىليەلىك توختاتقان بولساقمۇ، ئىجرا قىلىنغۇچىلار ئىجرا مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلمىدى. مەھكىمىمىز ئىجرا قىلىنغۇچى ئورۇن قەشقەر قەدىمىي شەھەر ئاپتوموبىل تىرانسىپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بانكا ئامانىتىنى تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، ئىجرا قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ 550704.79 يۈەن ئامانىتىنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى. شۇڭا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇن» نىڭ  242-ماددىسىنىڭ بەلگىلمسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە كېسىم قىلىندى:

ئىجرا قىلىنغۇچى ئورۇن قەشقەر قەدىمىي شەھەر ئاپتوموبىل تىرانسىپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قەشقەر شەھەر يېزا ئامانەت قەرىز بىرلەشمە كوپىراتىپى قوغان ئامانەت قەرىز كوپىراتىپىدىكى 860050012010100575322-نومۇرلۇق ھىساۋاتىدا ئامانەت قويۇلغان 550704.79 يۈەندىن ئىجرا نىشانىدىكى 35745 يۈەن، ئىجرا ھەققى 436.17 يۈەن بولۇپ جەمئي 36182 يۈەن يېڭىشەھەر ناھىيلىك دۆلەت خەزىنىسىدىن مەركەزلەشتۈرۈپ چىقىم قىلىش مەركىزىدىكى مەھكىمىمىزنىڭ 490201040005036 نۇمۇرلۇق ھېساۋاتىغا ئاغدۇرۇلسۇن.

ســـوتـــچـــى: ئابدىكىرىم ئابدىريىم

2014-يىــلى 2-ئايـنـىـڭ 12-كـۈنـى

پـــۈتــۈكــچــى: گـۈزەلــنـۇر مـەمـەت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆疏勒县法院网

关闭窗口

教育整顿举报电话:0998-6539502 书记信箱地址:slxfy_shuji@163.com 院长信箱地址:slxfy_yuanzhang@163.com  

Copyright© 2024 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 10453724 位访客