添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
当前位置: 维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 3122 ج د 219-نومۇرلۇق

2016-12-27 17:29:20


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

(2016) ش 3122 ج د 219-نومۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان يېڭشەھەر ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋابكار دxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1972-يىلى 5–ئاينىڭ 12–كۈنى تۇغۇلغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يىڭشەھەر ناھىيە خانىرېق بازارلىق ھۆكىمەت مىڭلىق كەنىت پارتىيە ياچايكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سىكىرتارى. كومپارتىيە ئەزاسى، يىڭشەھەر ناھىيە خانىرېق بازىرى مىڭلىق كەنت 6-مەھەللە 011-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان. بۇ قېتىم خىيانەتچىلىك جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2016–يىلى 7–ئاينىڭ 19–كۈنى يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن توختۇتىلىپ، 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۇنى يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن. يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋابكارنى سىرىتتا قويۇپ ئەيىبلىگەن. ھازىر ئائىلىسىدە.

يېڭىشەھەر ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى (2016) 193-نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار دxxنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايى دېلوسىنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ رەسمى ئوچۇق سوت قىلىدى. يېڭىشەھەر ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەپتىشى سەيپۇللا ھەسەن، ئايگۇل مىجىت سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى، جاۋابكار دxx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى. بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جاۋابكار دxx 2012-يىلى 5-ئايدىن 2016-يىلى 7-ئايغىچە يىڭىشەھەر ناھىيە خانىرېق بازار 3-كەنت پارتىيە ياچايكىسىنىڭ مۇئاۋىن سىكىرتارى شۇنداقلا بۇ كەنتنىڭ 2014-يىلى 2015-يىللىق يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرلۇشى خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشتەك خىزمەت قولايلىغىدىن پايدىلنىپ، خانىرېق بازىرى 3-كەنت تەۋەسىدىكى ئەقىل چوڭاق قاتارلىق 13 نەپەر يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرلىشى قىلغۇچى دىھقانلاردىن ئالدىن ئىلىنغان زاكالەت پۇلىدىن دىھقانغا قايتۇرۇشقا تىگىشلىك 43932 يۇەن ۋە روزاجى ئەخەت قاتارلىق 6 نەپەر يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرلىشى قىلغۇچى دىھقانغان بىرىشكە تىگىشلىك 6000 يۇەن قىممىتىدىكى قۇرلۇش مەبلىغى بولغان 400 قاپ سىمنۇتنى دىھقان ئاممىسىغا ۋاختىدا قايتۇرۇپ بەرمەي ھەم تولۇق تارقاتماي ئۆزى ئىگەللىۋىلىپ 49932 يۇەنگە خىيانەت قىلغان.

جاۋابكار دxx خىيانەت قىلغان 49932 يۈەننى دىلو ئىچىلىشتىن بۇرۇن يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خىيانەتچىلىككە پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىگە تولۇق تۆلەپ قايتۇرغان.

يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خىيانەتچىلىككە پارخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى خانىرېق بازارلىق ھۆكۇمەت ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومتىتىنىڭ دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەسلەپكى تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرۋاتقان مەزگىلدە جاۋابكار ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرنى ئەينەن تاپشۇرۇپ دىلو پاش بولغان. جاۋابكار دxxنىڭ قىلمىشىدىن خىيانەتچىلىك جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋابكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 383-ماددا،67-ماددىسىىسىىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازا بىرىلسە» دەپ ئەيىپلىدى.

جاۋابكار دxx ئەيىپنامىدە بىكىتىلگەن پاكىتلارنىڭ ھەممىسى راسىت دەپ ئۆزىنىڭ باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويمىدى. يۇقارقى پاكىتلارنى، يېڭىشەھەر ناھىيە خانىرېق بازار 3-كەنت خەلق ئاممىسى نامىدا يىزىلغان پاش قىلىش ئەرزى؛ جاۋابكارنىڭ سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان جاۋابكارنىڭ كىملىك ئىسپاتى؛ يېڭىشەھەر ناھىيە يىڭىشەھەر بازارلىق پارتىكۇمنىڭ 4 پارچە ئىسپاتى؛ خانىرېق بازىرى 3-كەنت ئاھالە كومتىتنىڭ بىر پارچە، خانىرېق بازارلىق ھۆكۇمەت خانىرېق بازارلىق يىزا ئىختىزادىنى باشقۇرۇش پونكىتى ۋە خانىرېىق بازار 3-كەنت ياچايكىسىنىڭ 2 پارچە بىرلەشمە ئىسپاتى؛ خانىرېق بازار ئەمەن ئۆي قۇرلىشى ئىشخانىسىنىڭ ئىسپاتى ۋە ئەمىن ئۆي ئۆي قۇرلىشىغا تارقىتىلغان ماددى ئەشيالار تىزىملىگى؛ جاۋابكار دxxنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ تاپشۇرۇش ماتىريالى؛ جاۋاپكاردىن ئىلىنغان سوراق سۆھبەت خاتىرلىرى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىك– پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ (2016) 6-نۇمۇرلۇق دىلو ئىچىش قارارنامىسى، جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ۋە دىلو پاش قىلىش دوكلاتى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىككە پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ (2016) 226-نۇمۇرلۇق توختۇتۇش قارارنامىسى ۋە (2016)5-نۇمۇرلۇق كىپىلگە بىرىش قارارنامىسى؛ يىڭىشەھەر ناھىيە خىيانەتچىلىككە پارخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ جاۋابكار ئەسلىگە كەلتۇگەن زىياننى تاپشۇرۇپ ئىلىش تالۇنى؛ گۇۋاھچى ئەقىل چوڭاق، ئۇرايىم ئابدۇرسۇل، روزاجى ئەخەت، تۇردى ئىزىز، ئىلى مامۇت، مىرئەخمەت سۇلايمان، تۇرغۇن ھۇسۇيىن، ھۇسۇيىن داۋۇت، مەخەم قۇربان، ئايىم نىياز، ساۋۇت ئەمەت، ئۇرايىم ئىلى، راخمان ئۇرايىم، تۇرسۇن ئىمىن، ئابدىۋايىت سايىم، ئابدىرشىت سايىم، ئوسمان ئابدىكىرىم روزىھاجى ئەخەت، تۇرسۇن ئىمىنلاردىن ئىلىنغان سۆھبەت خاتىرلىرى ۋە ئىسپاتلار؛ جاۋابكار سوراق قىلىنغاندا ئىلىنغان بىر دانە VCD پىلاستىكىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: جاۋابكار دxx يېڭىشەھەر ناھىيە خانىرېق بازىرى مىڭلىق كەنت ئاھالە كومتىتنىڭ مۇئاۋىن سىكىرى بولۇشتەك خىزمەتتىكى قۇلايلىقتىن پايدىلنىپ، يىڭىشەھەر ناھىيە خانىرېق بازارلىق خەلق ھۆكۇمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ خەلقنى بىيتىپ ماكانلاشتۇرۇش سىياسىتى بويىچە ئەمىن ئۆي قۇرلىشىغا بەرگەن مەبلەغنى دىھقانلارغا ۋاكالىتەن يەتكۇزۇپ بىرىشتەك ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئەمىن ئۆي سالغۇچىلاردىن ياجىڭ پۇل ئېلىپ قايتۇرماسلىق، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش ماتېرياللىرىنى دېھقانلارغا كەم بىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دىھقانلارنىڭ 49932 يۇەننى كەنت مالىيەسىگە كىرىم قىلماي ياكى دىھقانلارغا قايتۇرۇپ بەرمەي قانۇنسىز ۋاستىلار بىلەن ئىگەللىۋىلىپ يەپ كەتكەن قىلمىشىدىن خىيانەتچىلىك جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىپلىگۇچى ئورگاننىڭ دىلو خاراكتىرىنى بىكىتىپ قانۇن ماددىللىرىنى تەدبىقلىشى توغرا بولغان. ئەيبلىگەن پاكىت جىنايەتكە توشىدۇ. جاۋابكار خىيانەت قىلغان پۇلنىڭ سوممىسى 49932 يۇەن بولۇپ قانۇندا بەلگىلەنگەن ‹مىقدارى بىر قەدەر كۆپ› دىگەن ئۆلچەمگە چۇشىدۇ. يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خىيانەتچىلىككە- پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى ئاممىنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن دەسلەپكى تەكشۇرۇش ئىلىپ بىرىپ، جاۋابكارنىڭ قىلمىشىغا دىلو ئىچىشتىن بۇرۇن دەسلەپكى تەكشۇرۇش باسقۇچىدا جاۋابكار دxx تەكشۇرۇشنى قوبۇل قىلىپ، جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ خىيانەت قىلغان 49932 يۇەننى تۆلەپ قايتۇرغان. سوتتىمۇ بارلىق جىنايىتىنى تولۇق ئىقرار قىلىدۇ، شۇڭا جاۋابكارنى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ بىكىتىپ، جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسىنىڭ ياخشىلىغى، تۇنجى قىتىم سوتلۇق بولغانلىغى، زىياننى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئىپادىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى جازا ئۆلچىگەندە، پەرىقلەندۇرۇپ يىنىك جازا بىرىشكە بولىدۇ دەپ قاراپ جاۋابكار دxxكە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 382-ماددا 2-تارماق، 383-ماددا 1-تارماق 1-تارماقچىسى، 52-ماددا، 67-ماددا، 72-ماددا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «خىايەتچىلىك پارىخورلۇق جىنايى ئىشلار دىلوسىنى بىجىرىشتە قانۇننى كونكىرىتنى تەدبىقلاشقا ئائىت مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 1-ماددا 1-تارماق 1-تارماقچى، 19-ماددا 1-تارماقنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

جاۋابكار دxxنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايىتىگە مۇددەتلىك سەككىز ئايلىق قاماق جازاسى ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۇم قىلىندى.

جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. ھۆكۇم ئىجرا قىلنىشتىن ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان بولسا قاماپ تۇرۇلغان بىر كۇن جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۇنىگە سۇندۇرلۇپ ھىساپلىنىدۇ. يەنى جاۋابكارنىڭ جازا مۇددىتى 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۇنى باشلىنىپ، 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۇنى (2016-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۇنى تۇتۇلۇپ 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۇنى كىپىلگە بىرىلگە ئالدىن قاماپ تۇرۇلغان 12 كۇن جازا مۇددىتىدىن چىقىرۋىتىپ ھىساپلاندى) ئاخىرلىشىدۇ.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا، ھۆكۈمنامىنىڭ تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بېرىشكە بولىدۇ. يازما نارازىلىق ئەرز بەرگەندە نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر نۇسخا، كۆچۈرمىسىدىن 6 نۇسخا تاپشۇرۇش كېرەك.

سـوتـچــى بۇخلىچەم تۇرسۇن

2016-يـىـلـى 11-ئـاينىڭ 17-كۈنى

پـۈتـۈكـچــــى نۇرئىلى داۋۇت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆疏勒县法院网

关闭窗口

地址:   邮编:  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 2668613 位访客