添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
当前位置: 维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 3122 ج د 218-نومۇرلۇق

2016-12-27 17:19:34


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

(2016) ش 3122 ج د 218-نومۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان يېڭشەھەر ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋابكار ئەxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1961-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۇنى تۇغۇلغان، ئوتتۇرا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. يىڭشەھەر ناھىيە قومشىرېق يىزادە ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان . بۇ قېتىم خىيانەتچىلىك جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2016–يىلى 5–ئاينىڭ 31–كۈنى توختۇتۇلۇپ، 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۇنى يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن. يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋاپكارنى سىرىتتا قويۇپ ئەيىبلىگەن. ھازىر ئائىلىسىدە.

يېڭىشەھەر ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى (2016) 186-نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ئەxxنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايى دېلوسىنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ رەسمى ئوچۇق سوت قىلىدى. يېڭىشەھەر ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەپتىشى ئەخمەتجان بەختى، مۇۋاققەت تەپتىش ئادىلجان ئابابەكرى سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى، جاۋاپكار ئەxx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى. بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جاۋاپكار ئەxx 2013–يىلى 8–ئايدىن 2016– يىلى 5-ئايغىچە قومشىرېق يىزا ياقىشلاق كەنت پارتىيە ياچايكىسىنىڭ سىكىرتارى كەنت ئاھالە كومتىتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ كەنىت ئومۇمى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلەشتەك خىزمىتىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلنىپ، كەنتنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئوي قۇرلىشىنى باشقۇرغان بولۇپ، 2013-يىلىدىن 2015-يىلغىچە كەنتتىكى 186 نەپەر ( 2013-يىلى 48 نەپەر، 2014-يىلى 107 نەپەر، 2015-يىلى 31 نەپەر) ئۆي سىلىشقا تىزىملاتقان دىھقاننىڭ ئۆي سىلىشقا كىتەرلىك مەبلىغىنى يىزىلىق ئۆي قۇرلۇش ئىشخانىسىغا يوللاپ قۇرلۇش مەبلىغىنى تولۇق تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىمۇ، 34 نەپەر دىھقاندىن ئالغان زاكالەت پۇلى 137450 يۇەن نەخ پۇلنى دىھقانلارغا قايتۇرۇپ بەرمىگەن ھەمدە 61080 يۇەن قىممىتىدىكى قۇرلۇش ماتىرياللىرىنى كەم تارقىتىپ، بۇنىڭدىن 46490 يۇەننى كەنتنىڭ كوللىكتىپ ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ، 152040 يۇەننى ئۆزى ئىشلىتىپ خىيانەت قىلغان. دىلو تەقىلىنىۋاتقان مەزگىلدە جاۋاپكار خىيانەت قىلغان پۇلدىن 100350 يۇەننى تۆلەپ قايتۇرغان بولسىمۇ، 51690 يۇەننى تۆلەپ قايتۇمىغان.

يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خىيانەتچىلىككە پارخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى قومشىرېق يىزا ياقىشلاق كەنتلىك ئاممىنىڭ دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەسلەپكى تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرۋاتقان مەزگىلدە جاۋاپكار ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرنى تاپشۇرۇپ دىلو پاش بولغان. جاۋاپكار ئەxxنىڭ قىلمىشىدىن خىيانەتچىلىك جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋاپكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 383-ماددا،67-ماددىسىىسىىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازا بىرىلسە» دەپ ئەيىپلىدى.

جاۋاپكار ئەxx ئەيىپنامىدە بىكىتىلگەن پاكىتلارنىڭ ھەممىسى راسىت دەپ ئۆزىنىڭ باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويمىدى. يۇقارقى پاكىتلارنى، يېڭىشەھەر ناھىيە قومشىرېق يىزا ياقىشلاق كەنت ئاھالە كومتىتتىكى خەلق ئاممىسىنىڭ دىلو مەلۇماتى؛ جاۋاپكارنىڭ سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان جاۋاپكارنىڭ كىملىك ئىسپاتى؛ يېڭىشەھەر ناھىيە قومشىرېق يىزىلىق پارتىكۇمنىڭ بىر پارچە ئىسپاتى ۋە (2013)83-نۇمۇرلۇق ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارنامىسى؛ يىڭىشەھەر ناھىيە قومشىرېق يىزىلىق خەلق ھۆكۇمىنىڭ بىر پارچە ئىسپاتى؛ قومشىرېى يىزىلىق خەلق ھۆكۇمىتىنىڭ جاۋاپكار دىھقانلاردىن يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرلىشى ئۇچۇن ئالغان زاكالەت پۇلى توغرىسىدىكى جەدۋىلى؛قومشىرېق يىزىلىق خەلق ھۆكۇمىتى ئەمىن ئۆي قۇرلىشى ئىشخانىسىنىڭ 5 پارچە ئىسپاتى؛2013-يىلى 2015-يىللىدىكى ئەمىن ئۆي قۇرلىشى ماددى ئەشياسىنىڭ باھا جەدۋىلى؛ قومشىرېق يىزا 10- كەنتتىكى 2013-يىلدىن 2015-يىلغىچە ئەمەن ئۆي سالغان دىھقانلارنىڭ تاپشۇرغان ۋە قايتۇرۋالغان زاكالەت پۇلىنىڭ تەپسىلىي جەدۋىلى؛ قومشىرېق يىزا 10- كەنتتىكى 2013-يىلدىن 2015-يىلغىچە ئەمەن ئۆي سالغان دىھقانلارغا ئەمەن ئكي قۇرلۇش ماتىرياللىرىنى تارقىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەپسىلىي جەدۋەل؛ يىڭىشەھەر ناھىيە قومشىرېق يىزىلىق خەلق ھۆكىمىتى يىزا ئىختىزادىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ مۇپەتتىش دوكلاتى ۋە جاۋاپكارغا ئۇقتۇرۇش قىلىش ئۇچۇرى؛ گۇۋاھچى تۇرسۇن ئىسمايىل، ئابدىقادىر ئىلى، ئوبۇل مەخەت، غوجى مەمەت، ئەركىن تۇردى، قۇربان رەيىم، ئابدىكىرىم ئابدىريىم، باقى ئوسمان، ئابدىمۆمىن ئابدىريىم، قادىر ھەسەن، ئوبۇل تۇرغۇن، مەرىگۇل مامۇت، ھەززىتىئۆمەر غوپۇر، غىنى مەمەت، ماڭسۇر ئوبۇلقاسىم، نامان ئىمىرھەسەن، ئابدىخىلىل نامان، ئادىل ئوبۇلقاسىم، تۇردى يۇنۇس، ئەخمەت ئەلەم، تۇرغۇن تۆرەم، مەمەتتۇرسۇن زاكىر، ئابدىريىم ئەلەم، زەيدىن ئوبۇل، مامۇت تۇرسۇن، غوپۇر ئابدىكىرىم، مەمەتئىمىن ياقۇپ، سەمەت ياسىن، تۇرسۇن يۇنۇس، روزى ھاشىم، مەمەتتتۇرسۇن مەخەت، ئاباس ھاردىن، يۇسۇپ ئابدىريىم، سۇلايمان تۇرسۇن، ئالىم ياقۇپ، روزى تىلىۋالدى، ئابدىخىلىل نامان، ياسىن ئابلا، ئادىل ئۆمەر، مەمەتئىلى غوجى، نامان ئىمىر، ئەمەت ئارىپلەردىن ئىلىنغان سۆھبەت خاتىرسى؛ جاۋاپكار ئەxxنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان ئىقرارلىق ماتىريالى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىك– پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ (2016) 4-نۇمۇرلۇق دىلو ئىچىش قارارنامىسى، جاۋاپكارنى تۇتۇش جەريانى ۋە دىلو پاش قىلىش دوكلاتى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016)163-نۇمۇرلۇق توختۇتۇپ قويۇش گۇۋاھنامىسى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يۇقۇرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قەشقەر شۆبىسىنىڭ (2016)5-نۇمۇرلۇق قولغا ئىلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارنامىسى ۋە يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىىسىنىڭ (2016)3-نۇمۇرلۇق تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىش قارارنامىسى؛ جاۋاپكار ئەxxدىن ئىلىنغان سوراق-سۆھبەت خاتىرلىرى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىككە پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ جاۋاپكار قايتۇرغان 100350 يۇەن نەخ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق توغرىسىدىكى تالۇنى؛ جاۋاپكار سوراق قىلىنغاندا ئىلىنغان بىر دانە VCD پىلاستىكىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: جاۋاپكار ئەxx قومشىرېق يىزا ياقىشلاق كەنت پارتىيە ياچايكىسىنىڭ سىكىرتارى، كەنت ئاھالە كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى كەنتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىشتەك خىزمەتتىكى قۇلايلىقتىن پايدىلنىپ، يىڭىشەھەر ناھىيە قوشىرېق يىزىلىق خەلق ھۆكۇمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ خەلقنى بىيتىپ ماكانلاشتۇرۇش سىياسىتى بويىچە ئەمىن ئۆي قۇرلىشىغا بەرگەن مەبلەغنى دىھقانلارغا ۋاكالىتەن يەتكۇزۇپ بىرىشتەك ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئەمىن ئۆي سالغۇچىلاردىن زاكالەت پۇلى ئېلىپ قايتۇرماسلىق، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش ماتېرياللىرىنى دېھقانلارغا كەم بىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دىھقانلارنىڭ 152040 يۇەننى كەنت مالىيەسىگە كىرىم قىلماي ياكى دىھقانلارغا قايتۇرۇپ بەرمەي قانۇنسىز ۋاستىلار بىلەن ئىگەللىۋىلىپ يەپ كەتكەن قىلمىشىدىن خىيانەتچىلىك جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىپلىگۇچى ئورگاننىڭ دىلو خاراكتىرىنى بىكىتىپ قانۇن ماددىللىرىنى تەدبىقلىشى توغرا بولغان. ئەيبلىگەن پاكىت جىنايەتكە توشىدۇ. جاۋابكار خىيانەت قىلغان پۇلنىڭ سوممىسى 152040 يۇەن بولۇپ قانۇندا بەلگىلەنگەن ‹مىقدارى بىر قەدەر كۆپ› دىگەن ئۆلچەمگە چۇشىدۇ. يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خىيانەتچىلىككە- پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى ئاممىنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن دەسلەپكى تەكشۇرۇش ئىلىپ بىرىۋاتقان مەزگىلدە، جاۋابكارنىڭ قىلمىشىغا دىلو ئىچىشتىن بۇرۇن تەكشۇرۇش باسقۇچىدا جاۋابكار ئەxx تەكشۇرۇشنى قوبۇل قىلىپ، جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ خىيانەت قىلغان 142040 يۇەندىن 100350 يۇەننى تۆلەپ قايتۇرغان. سوتتىمۇ بارلىق جىنايىتىنى تولۇق ئىقرار قىلىدۇ، شۇڭا جاۋابكارنى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ بىكىتىپ، جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسىنىڭ ياخشىلىغى، تۇنجى قىتىم سوتلۇق بولغانلىغى، زىياننىڭ ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئىپادىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى جازا ئۆلچىگەندە پەرىقلەندۇرۇپ يىنىك جازا بىرىشكە بولىدۇ. جاۋاپكار خىيانەت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۇرمىگەن 51690 يۇەننى دۆلەت مالىيەسىگە تۆلەپ قايتۇرىشى لازىم دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 382-ماددا 2-تارماق، 383-ماددا 1-تارماق 1-تارماقچىسى، 52-ماددا، 67-ماددا، 64-ماددا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «خىايەتچىلىك پارىخورلۇق جىنايى ئىشلار دىلوسىنى بىجىرىشتە قانۇننى كونكىرىتنى تەدبىقلاشقا ئائىت مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 1-ماددا 1-تارماق 1-تارماقچى، 19-ماددا 1-تارماقنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

جاۋاپكار ئەxxنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايىتىگە مۇددەتلىك بىر يىل ئون ئايلىق قاماق جازاسى ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۇم قىلىندى.

جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. ھۆكۇم ئىجرا قىلنىشتىن ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان بولسا قاماپ تۇرۇلغان بىر كۇن جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۇنىگە سۇندۇرلۇپ ھىساپلىنىدۇ. يەنى جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۇنى باشلىنىپ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۇنى ( 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۇنى تۇتۇلۇپ، 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۇنى كىپىلگە بىرىلگىچە قاماپ تۇرۇلغان 18 كۇن جازا مۇددىتىدىن چىقىرۋىتىپ ھىساپلاندى) ئاخىرلىشىدۇ.

2.جاۋاپكار خىيانەت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۇرمىگەن 51690 يۇەننى دۆلەت مالىيەسىگە تۆلەپ قايتۇرىدۇ.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز (ئىتىراز) بېرىشكە بولىدۇ. يازما نارازىلىق ئەرز ( ئىتىراز ) بەرگەندە نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر نۇسخا، كۆچۈرمىسىدىن 5 نۇسخا تاپشۇرۇش كېرەك.

سـوتـچــى  بۇخلىچەم تۇرسۇن

2016-يـىـلـى 11-ئـاينىڭ 16-كۈنى

پـۈتـۈكـچــــى   نۇرئىلى داۋۇت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆疏勒县法院网

关闭窗口

地址:   邮编:  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 2668615 位访客