添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
当前位置: 维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 3122 ج د 209-نومۇرلۇق

2016-12-27 17:17:47


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

                                   

  (2016) ش 3122 ج د 209-نومۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان يېڭىشەھەر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋابكار مxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1949-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتىلىق، دېھقان، يېڭىشەھەر ناھىيە كونا بازار كەنتدە ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان. بۇ قىتىم ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن. يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋاپكارنى سىرىتتا قويۇپ ئەيىبلىگەن. ھازىر ئائىلىسىدە.

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى (2016) 178-نومۇرلۇق ئەيىبنامىسى بىلەن جاۋاپكار مxxنىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسىنى 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىبلىگەن. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپنى قوللنىپ تەنھا ئوچۇق سوت قىلدى. يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى ئەخمەتجان بەختى، مۇۋاققەت تەپتىش ئادىلجان ئابابەكرى سوتقا چىقىپ ئەيىبلەشنى قوللىدى. جاۋاپكار مxx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى. بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

يېڭىشەھەر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جاۋاپكار مxx 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۇنى چۇشتىن بۇرۇن ئۇرۇمچى ۋاختى سائەت 8 ئەتراپىدا، يىڭىشەھەر ناھىيە ياندۇما يىزا 3-كەنت 3-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق مەمەتئىلى توختىنىڭ مەھەللىدىكى ئىتىز بويىغا باغلاپ قويغان 13000 يۇەن قىممىتىدىكى 2 تۇياق قارا رەڭلىك ئانا-بالا ئىشەكنى كۆرۇپ، ئوغۇرلۇق قىلىش نىيىتىگە كىلىپ، ئەتراپتا ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلنىپ، ئىشەكنىڭ باغلاغلىق ئاغامچىسىنى يىشىپ ئوغۇرلاپ يىتىلىپ يىڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يىزىغا ئىلىپ بىرىپ، بۇ يەردىن بىر دانە 3 چاقلىق توكسىكىلىتىگە 100 يۇەنگە كىرا قىلىپ پەيزىۋات ناھىيە ساپتۇل يىزا بازىرىغا ئىلىپ بىرىپ، باشقىلارغا ئىشەكنىڭ كىلىش مەنبەسىنى يوشۇرۇپ 11000 يۇەنگە سودىلىشىپ سىتىش جەريانىدا، ھارام مال سىتىۋالغۇچى جاۋاپكاردىن گۇمانلىنىپ، شاپتۇل ساقچىخانىسىغا مەلۇم قىلىش بىلەن جاۋاپكار ھارام مال بىلەن تۇتۇلغان. تەكشۇرۇش ئارقىلىق جاۋاپكار جىنايىتىنى تاپشۇرۇپ دىلو پاش بولغان. دىلو پاش قىلىنغاندىن كىيىن ئوغۇرلانغان ھارام مال ئىگىسىگە ئەينەن قايتۇرۇپ بىرىلگەن. جاۋاپكار مxxغا ئوغۇرلۇق جىنايىتىنى بىكىتىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جازا بىرلىشى لازىم دەپ ئەيىبلىدى.

جاۋاپكار مxx، ئەيىبنامىدە بىكىتىلگەن پاكىتلارنىڭ ھەممىسى راست دەپ قىلمىشىنى تولۇق ئىقرار قىلىپ ئۆزىنىڭ باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويمىدى. يۇقارقى پاكىتلارنى زىيانلانغۇچى مەمەتئىلى توختىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە سۆھبەت خاتىرلىرى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 05201608149- نۇمۇرلۇق قوبۇل قىلىنغان جىنايى ئىشلار دىلوسىنى تىزىملاش جەدۋىلى ۋە (2016) 212-نومۇرلۇق دىلو ئىچىش قارارنامىسى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دىلو پاش قىلىش دوكلاتى ۋە تۇتۇپ قىلىنغان ماددى بۇيۇملار تىزىملىگى؛ جاۋاپكارنىڭ نوپۇس ئىسپاتى؛ قۇرۇقلۇق ئارمىيە 12-دوختۇرخانىسىنىڭ دىئاگۇنۇز ئىسپاتى ۋە يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 085-نومۇرلۇق تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىش قارارنامىسى؛ جاۋاپكاردىن ئىلىنغان سوراق خاتىرلىرى؛ ھارام مالنى باھالاش خاتىرسى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016)66-نۇمۇرلۇق باھالاش خۇلاسىسىنى ئۇقتۇرۇش قىلىشنامىسى؛ زىيانلانغۇچى مەمەتئىلى توختى بىلەن ئىلىپ بىرىلغان سۆھبەت خاتىرسى ۋە زىيانلانغۇچىنىڭ تاپشۇرۇپ ئىلىش ھۆججىتى؛ نەخ مەيداننى تونىتىش خاتىرسى؛ نەخ مەيدان خاتىرسى، خەرىتىسى، نەخ مەيدان ۋە ھارام مالنىڭ سۇرىتى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى، جاۋاپكار مxx قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ بىر قەدەر كۆپ مىقداردىكى مال-مۇلكىنى يوشۇرۇن ئىلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيبلىگۇچى ئورگاننىڭ جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىگە دىلو خاراكتىرىنى بىكىتىپ قانۇن ماددىللىرىنى تەدبىقلىشى مۇۋاپىق بولغان. ئەيىپلىگەن پاكىت جىنايەتكە توشىدۇ. جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە جازالاش لازىم. جاۋاپكار ئۆزى يالغۇز بىر قىتىم ئوغۇرلۇق قىلىپ، شەخسىلەرنىڭ 13000 يۇەن قىممىدىتىكى مال- مۇلكىنى ئوغۇرلىغان بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ‹مىقدارى بىر قەدەر كۆپ› دىگەن ئۆلچەمگە چۇشىدۇ. جاۋابكار تۇنجى قىتىم سوتلۇق بولغان، ئوغۇرلىغان زىيان ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن، سوتتىكى جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، دىلوغا ئاددى تەرتىپ قوللىنىلغان، بۇ تەرەپنى جازا ئۆلچىگەندە پەرىقلەندۇرۇپ يىنىك جازا بىرىشكە بولىدۇ دەپ قاراپ جاۋاپكار « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 52-ماددا، 72-ماددا، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكىرىتنى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ 1-ماددا 1-تارماقنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۇم قىلىندى.

جاۋابكار مxxنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە مۇددەتلىك سەككىز ئايلىق قاماق جازاسىنى بىر يىل كىچىكتۇرۇش، قوشۇمچە 1000 يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۈم قىلىندى.

جازا كىچىكتۇرۇپ سىناش مۇددىتى ھۆكۈم بىكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ؛يەنى جاۋاپكارنىڭ جازا كىچىكتۇرۇپ سىناش مۇددىتى 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى باشلىنىپ، 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز (ئىتىراز) بېرىشكە بولىدۇ. يازما نارازىلىق ئەرز ( ئىتىراز ) بەرگەندە نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر نۇسخا، كۆچۈرمىسىدىن 5 نۇسخا تاپشۇرۇش كېرەك.

سـوتــچــى بۇخلىچەم تۇرسۇن

2016-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنـى

پـۈتـۈكـچـى نۇرئىلى داۋۇت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆疏勒县法院网

关闭窗口

地址:   邮编:  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 2668618 位访客