添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
当前位置: 维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 3122 ج د 186-نومۇرلۇق

2016-12-27 17:13:44


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

(2016) ش 3122 ج د 186-نومۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان يېڭشەھەر ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋابكار قxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1972-يىلى 6–ئاينىڭ 9–كۈنى تۇغۇلغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يىڭشەھەر ناھىيە يىڭىشەھەر بازىرى ناچۇق دەرۋازا كەنتدە ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان . بۇ قېتىم خىيانەتچىلىك جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2016–يىلى 7–ئاينىڭ 20–كۈنى يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن توختۇتىلىپ، 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۇنى يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن. يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋابكارنى سىرىتتا قويۇپ ئەيىبلىگەن. ھازىر ئائىلىسىدە.

يېڭىشەھەر ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى (2016) 154-نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار قxxنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايى دېلوسىنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ رەسمى ئوچۇق سوت قىلىدى. يېڭىشەھەر ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەپتىشى ئەخمەتجان بەختى، مۇۋاققەت تەپتىش ئادىلجان ئابابەكرى سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى، جاۋابكار قxx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى. بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جاۋابكار قxx 2008–يىلى 3–ئايدىن 2016–يىلى 1-ئايغىچە يىڭشەھەر بازىرى ناچۇق دەرۋازا كەنىت پارتىيە ياچايكىسىنىڭ مۇئاۋىن ياچايكا شۈجىسى قوشۇمچە ئائىلە كومتىت مۇئاۋىن مۇدىرى، كەنىت كاسسىرى بولۇشتەك خىزمىتىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلنىپ، ناھىمىزنىڭ نوختۇلۇق تۈر قۇرلۇشىنىڭ ئىشىلتىشىگە كەتكەن كوللىكتىپ ئىگدارلىغىدىكى يەرلەرنى يۇشۇرۇش، ئۆزى ۋە ئۇرۇق–تۇققانلىرىنىڭ نامىدا يەر مو سانىنى ئۆزى تۈزۈپ يۇقۇرغا يوللاش، يۇقۇردىن بەرگەن تولۇقلىما پۇلىنى كەنىت كوللىكتىپ مالىيە ھىساۋىغا كىرىم قىلماي ئىگەللىۋىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ،2007–يىلدىن 2015-يىلغىچە بازارلىق ھۆكۇمەت ناچۇق دەرۋازا كەنىت كوللىكتىپ ئىگدارلىغىدىكى ناھىمىزنىڭ نۇرلان ئارامگاھى ئالدى يول قۇرلۇشىغا، قەشقەر 2-ئوتتۇرا يىڭشەھەر يىڭى مەكتەپ قۇرلۇشىغا، مەركىزى يەسلى قۇرلۇشىغا، ناھىيلىك راديو تىلۋىزيە ئىدارىسى، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتىگە، شەرقى شەھەر يىڭى رايۇنى قۇرلۇشىغا ئىشىلتىلگەن يەر بولۇپ جەمئى 430.54 مو يەر ئىچىدىن، بازارلىق ھۆكۇمەت ناچۇق دەرۋازا كەنىت كوللىكتىپ ئىگدارلىغىغا تەۋە ئېتىزلار ئوتتۇرسىدىكى يول، ئېرىق، ئىگىسىز قالدۇق يەر ، ئېتىز قىرلىرى قاتارلىقلار بولۇپ 11.89 مو يەرنىڭ يۇقۇردىن بىرىلگەن تولۇقلىما پۇلى 44273.94 يۈەننى قانۇنسىز ئىگىلىۋىلىپ خىيانەت قىلغان.

جاۋابكار قxx قانۇنسىز ئىگەللىۋالغان 44273.94 يۈەن پۇلغا قارتا، بازارلىق ھۆكىمەت مالىيىسى ۋە كەنىت مالىيىسىگە 2015–يىلى 10–ئاينىڭ 10–كۈنىدىن 24–كۈنىگىچە جەمئى 44273.94 يۈەن پۇلنى تولۇق تۆلەپ قايتۇرغان.

يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خىيانەتچىلىككە پارخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى يېڭىشەھەر بازارلىق ھۆكۇمەت ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومتىتىنىڭ دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەسلەپكى تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرۋاتقان مەزگىلدە جاۋابكار ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرنى تاپشۇرۇپ دىلو پاش بولغان. جاۋابكار قەيسەر ئوبۇلنىڭ قىلمىشىدىن خىيانەتچىلىك جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋابكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 383-ماددا،67-ماددىسىىسىىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازا بىرىلسە» دەپ ئەيىپلىدى.

جاۋابكار قxx ئەيىپنامىدە بىكىتىلگەن پاكىتلارنىڭ ھەممىسى راسىت دەپ ئۆزىنىڭ باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويمىدى. يۇقارقى پاكىتلارنى، يېڭىشەھەر ناھىيە يىڭىشەھەر بازارلىق ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومتىتىنىڭ دىلو مەلۇماتى؛ جاۋابكارنىڭ سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان جاۋابكارنىڭ كىملىك ئىسپاتى؛ يېڭىشەھەر ناھىيە يىڭىشەھەر بازارلىق پارتىكۇمنىڭ 2 پارچە ئىسپاتى ۋە (2016)04-نۇمۇرلۇق كادىرلارنى ۋەتزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئۇقتۇرىشى؛ يىڭىشەھەر بازىرى كونا بازار ئاھالە كومتىتنىڭ سەي كەنت 2-4-مەھەللىنىڭ يەرلىرىنى قۇرلۇشقا ئىشلىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىستاستىكا جەدۋىلى ۋە يەرلىرى ئىگەللەنگەنلەرگە تارقىتىلغان ئاشلىق تولۇقلىما پۇلى تارقىتىش جەدۋىلى؛ يىڭىشەھەر ناھىيە يىڭىشەھەر بازارلىق پارتىكومنىڭ جاۋابكارنىڭ 2007-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە ئۆزى ۋە ئۇرۇق-تۇقانلىرىنىڭ نامىدا ئىلىۋاتقان نوختىلۇق تۇر قۇرلىشىدىنىڭ تولۇقلىما پۇلى توغرىسىدىكى ئىستاستىكا جەدۋىلى؛ يىڭىشەھەر ناھىيە يىڭىشەھەر بازارلىق يىزا ئىقتىسادىينى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ 2 پارچە ئىسپاتى؛ يىڭىشەھەر ناھىيە يىڭىشەھەر بازارلىق ھۆكىمىتى مالىيە ئىشخانىسىنىڭ ئىسپاتى، ئىستاستىكا جەدۋىلى شۇنداقلا تۇرلۇك دوكىمىتلار؛ جاۋابكار قەيسەر ئوبۇلنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ تاپشۇرۇش ماتىريالى شۇنداقلا جاۋاپكاردىن ئىلىنغان سوراق سۆھبەت خاتىرلىرى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىك– پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ (2016) 8-نۇمۇرلۇق دىلو ئىچىش قارارنامىسى، جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ۋە دىلو پاش قىلىش دوكلاتى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىككە پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ (2016) 7-نۇمۇرلۇق توختۇتۇش قارارنامىسى ۋە (2016)7-نۇمۇرلۇق كىپىلگە بىرىش قارارنامىسى؛ يىڭىشەھەر ناھىيە يىڭىشەھەر بازارلىق خەلق ھۆكىمىتىنىڭ جاۋابكار ئەسلىگە كەلتۇگەن زىياننى تاپشۇرۇپ ئىلىش تالۇنى؛ گۇۋاھچى مىنەۋەر تۇردى، ئەسقەر ئوبۇل، ئەكبەر ئوبۇل، ئەركىن ئوبۇل، قۇربانجان غوپۇر، ئابدىسەمەت مەخەت، رۇشەنگۇل ئۇرايىم، پاتىگۇل قادىر، ئىمىن ئابلىز، يۇنۇس مەخەت، ئامىنەم ئابلىز، مەمەت يۇسۇپ توختى، ئىلى ئىمىنلاردىن ئىلىنغان سۆھبەت خاتىرلىرى ۋە ئىسپاتلار؛ يىڭىشەھەر بازىرى سەي كەنت ئاھالە كومتىتىنىڭ جاۋابكار ئىگەللىۋالغان يەر كۆلىمى توغرىسىدىكى ئىستاستىكا جەدۋىلى؛ جاۋابكار سوراق قىلىنغاندا ئىلىنغان بىر دانە VCD پىلاستىكىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: جاۋابكار قxx يېڭىشەھەر ناھىيە يىڭىشەھەر بازىرى ناچۇق دەرۋازا كەنت ئاھالە كومتىتنىڭ مۇئاۋېن سىكىرى، قوشۇمچە ئاھالە كومتىت مۇئاۋېن مۇدىرى، كەنت ئاھالە كومتىتىنىڭ كاسسىرى بولۇشتەك خىزمەتتىكى قۇلايلىقتىن پايدىلنىپ، ناھىيىمىزنىڭ نوختۇلۇق تۇر قۇرلىغا يەر ئىشلىتىش مەزگىلىدە كوللىكتىپ ئىگىدارلىغىدىكى يەرنى ئۆزى ۋە تۇققانلىرىنىڭ شەخسى نامىدا يوللاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ يىرى ئىگەللەنگەن دىھقانلارغا تارقاتقان تۆلەم پۇلى قاتارىدا چۇشۇرۇلگەن 44273.94 يۇەننى كەنت مالىيەسىگە كىرىم قىلماي قانۇنسىز ۋاستىلار بىلەن ئىگەللىۋىلىپ يەپ كەتكەن قىلمىشىدىن خىيانەتچىلىك جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىپلىگۇچى ئورگاننىڭ دىلو خاراكتىرىنى بىكىتىپ قانۇن ماددىللىرىنى تەدبىقلىشى توغرا بولغان. ئەيبلىگەن پاكىت جىنايەتكە توشىدۇ. جاۋابكار خىيانەت قىلغان پۇلنىڭ سوممىسى 44273.94 يۇەن بولۇپ قانۇندا بەلگىلەنگەن ‹مىقدارى بىر قەدەر كۆپ› دىگەن ئۆلچەمگە چۇشىدۇ. يىڭىشەھەر بازارلىق خەلق ھۆكىمىتى جاۋابكارنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىنى ئىگەللەپ جاۋابكارغا ئۇقتۇرۇش قىلغاندا، جاۋابكار خىيانەت قىلغان 44273.94 يۇەننى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆلەپ قايتۇرغان. يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خىيانەتچىلىككە- پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى يېڭىشەھەر بازارلىق پارتىكوم ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومىتىتىنىڭ دىلو مەلۇماتىغا ئاساسەن، جاۋابكارنىڭ قىلمىشىغا دىلو ئىچىشتىن بۇرۇن دەسلەپكى تەكشۇرۇش باسقۇچىدا جاۋابكار قxx تەكشۇرۇشنى قوبۇل قىلىپ، جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان، سوتتىمۇ بارلىق جىنايىتىنى تولۇق ئىقرار قىلىدۇ، شۇڭا جاۋابكارنى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ بىكىتىپ، جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسىنىڭ ياخشىلىغى، تۇنجى قىتىم سوتلۇق بولغانلىغى، زىياننى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئىپادىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى جازا ئۆلچىگەندە، پەرىقلەندۇرۇپ يىنىك جازا بىرىشكە بولىدۇ دەپ قاراپ جاۋابكار قەيسەر ئوبۇلكە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 382-ماددا 2-تارماق، 383-ماددا 1-تارماق 1-تارماقچىسى، 52-ماددا، 67-ماددا، 72-ماددا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «خىايەتچىلىك پارىخورلۇق جىنايى ئىشلار دىلوسىنى بىجىرىشتە قانۇننى كونكىرىتنى تەدبىقلاشقا ئائىت مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 1-ماددا 1-تارماق 1-تارماقچى، 19-ماددا 1-تارماقنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

جاۋابكار قxxنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايىتىگە مۇددەتلىك سەككىز ئايلىق قاماق جازاسىنى بىر يىل كىچىكتۇرۇشكە ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۇم قىلىندى.

جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. ھۆكۇم ئىجرا قىلنىشتىن ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان بولسا قاماپ تۇرۇلغان بىر كۇن جفزا مۇددىتىنىڭ بىر كۇنىگە سۇندۇرلۇپ ھىساپلىنىدۇ. يەنى جاۋابكارنىڭ جازا كىچىكتۇرۇپ سىناش مۇددىتى 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۇنى باشلىنىپ، 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۇنى ئاخىرلىشىدۇ.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بېرىشكە بولىدۇ. يازما نارازىلىق ئەرز بەرگەندە نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر نۇسخا، كۆچۈرمىسىدىن 10 نۇسخا ( ئۇيغۇرچە خەنزۇچە 2 خىل يىزقتا) تاپشۇرۇش كېرەك.

سـوتـچــى بۇخلىچەم تۇرسۇن

2016-يـىـلـى 9-ئـاينىڭ 23-كۈنى

پـۈتـۈكـچــــى  نۇرئىلى داۋۇت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆疏勒县法院网

关闭窗口

地址:   邮编:  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 2668906 位访客