添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
当前位置: 维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 3122 ج د 171-نومۇرلۇق

2016-12-27 16:55:37


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

(2016) ش 3122 ج د 171-نومۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان يېڭشەھەر ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋابكار ئىxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1954-يىلى 9–ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغان، يىڭشەھەر ناھىيە يىڭىشەھەر بازىرىدە ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان . بۇ قېتىم خىيانەتچىلىك جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2016–يىلى 6–ئاينىڭ 28–كۈنى يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن. يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋاپكارنى سىرىتتا قويۇپ ئەيىبلىگەن. ھازىر ئائىلىسىدە.

يېڭىشەھەر ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى (2016) 141-نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ئىxxنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايى دېلوسىنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ رەسمى ئوچۇق سوت قىلىدى. يېڭىشەھەر ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەپتىشى ئەخمەتجان بەختى، مۇۋاققەت تەپتىش ئادىلجان ئابابەكرى سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى، جاۋاپكار ئىxx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى. بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جاۋاپكار ئىxx 2002–يىلى 2–ئايدىن 2016– يىلى 1-ئايغىچە يىڭشەھەر بازارلىق ھۆكۇمەت ناچۇق دەرۋازا كەنىت پارتىيە ياچايكىسىنىڭ سىكىرتارى قوشۇمچە ئائىلە كومتىت مۇدىرى بولۇپ كەنىت ئومۇمى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلەشتەك خىزمىتىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلنىپ، يىڭشەھەر بازارلىق ھۆكۇمەت ناچۇق دەرۋازا كەنىت تەۋەسىدىكى ناھىمىزنىڭ نوختۇلۇق تۈر قۇرلۇشىنىڭ ئىشىلتىشىگە كەتكەن كوللىكتىپ ئىگدارلىغىدىكى يەرلەرنى يۇشۇرۇش، ئۆزى ۋە ئۇرۇق–تۇققان، پەرزەنىتلىرنىڭ نامىدا يەر مو سانىنى ئۆز ئالدىغا يۇقۇرغا يوللاش، يۇقۇردىن بىرىلگەن تولۇقلىما پۇلىنى كەنىت كوللىكتىپ مالىيە ھىساۋىغا كىرىم قىلماي قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن قوللىنىپ، 2010–يىلدىن 2015- يىلغىچە يىڭىشەھەر بازارلىق ھۆكۇمەت ناچۇق دەرۋازا كەنىت تەۋەلىگىدىكى ناھىمىزنىڭ نۇرلان ئارامگاھى ئالدى يول قۇرلۇشىغا ئىشىلتىلگەن ناچۇق دەرۋازا كەنىت 2– مەھەللىسىدىكى 81.2 مو يەر، جاڭ چەن باغچىسى قۇرلۇشىغا ئىشىلتىلگەن 4–مەھەللىسىدىكى 103.62 مو يەر، قەشقەر 2-ئوتتۇرا يىڭشەھەر يىڭى مەكتەپ قۇرلۇشىغا ئىشىلتىلگەن 3-مەھەللىسىدىكى 121.13 مو يەر ، كونا بازار كومتىت قۇرلۇشىغا ئىشىلتىلگەن 2-مەھەللىسىدىكى 14.53 مو يەر ، مەرگىزى يەسلى قۇرلۇشىغا ئىشىلتىلگەن 2-مەھەللىسىدىكى 31.73 مو يەر ، ناھىيلىك راديو تىلۋىزيە ئىدارىسى، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتىگە ئىشىلتىلگەن 2-مەھەللىسىدىكى 63.8 مو يەر، شەرقى شەھەر يىڭى رايۇنى قۇرلۇشىغا ئىشىلتىلگەن 2– مەھەللىسىدىكى 14.53 مو يەر بولۇپ ئومۇمى ئىشىلتىلگەن 430.54 مو يەر ئىچىدىن بازارلىق ھۆكۇمەت ناچۇق دەرۋازا كەنىت كوللىكتىپ ئىگدارلىغىغا تەۋە بولغان ئېتىز بىلەن ئېتىزلار ئوتتۇرسىدىكى يول، ئېرىق، ئىتىز قىرلىرى قاتارلىق جەمىئې 28.33 مو يەرنىڭ 2010– يىلدىن 2015– يىلغىچە يۇقۇردىن بىرىلگەن تولۇقلىما پۇلى 134436.48 يۈەننى، يەنى (1) ئۆزىنىڭ نامىدا 4 ئورۇندىن جەمئى 15.96 مو يەرنى يۇقۇرغا ئارتۇق يوللاپ، يۇقۇردىن بىرىلگەن تولۇقلىما پۇلدىن 78247.2 يۈەننى؛ (2) ئېنىسى ئىسمايىل ئېمىن نامىدا 2.5 مو يۇقۇرغا يوللاپ، يۇقۇردىن بىرىلگەن تولۇقلىما پۇلدىن 10360 يۈەنننى؛ (3) ئوغلى يۈسۈپ ئېمىن نامىدا 1.8 مو يۇقۇرغا يوللاپ، يۇقۇردىن بىرىلگەن تولۇقلىما پۇلدىن 5515.2 يۈەننى؛ (4) ئوغلى ئەكبەر ئېمىن نامىدا 4.6 مو يۇقۇرغا يوللاپ، يۇقۇردىن بىرىلگەن تولۇقلىما پۇلدىن 21281.6 يۈەننى؛ (5) كىلىنى گۈلشەن ئەخەت نامىدا 3.18 مو يۇقۇرغا يوللاپ، يۇقۇردىن بىرىلگەن تولۇقلىما پۇلدىن 19032.48 يۈەننى ئېلىپ كەنىت كوللىكتىپ ھىساۋىغا كىرىم قىلماي ئۆزىنىڭ ئائىلە شەخسى تۇرمۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ يىۋالغان.

يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خىيانەتچىلىككە پارخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى يېڭىشەھەر بازارلىق ھۆكۇمەت ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومتىتىنىڭ دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەسلەپكى تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرۋاتقان مەزگىلدە جاۋاپكار ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرنى تاپشۇرۇپ دىلو پاش بولغان. جاۋاپكار ئىxxنىڭ قىلمىشىدىن خىيانەتچىلىك جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋاپكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 383-ماددا،67-ماددىسىىسىىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازا بىرىلسە» دەپ ئەيىپلىدى.

جاۋاپكار ئىxx ئەيىپنامىدە بىكىتىلگەن پاكىتلارنىڭ ھەممىسى راسىت دەپ ئۆزىنىڭ باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويمىدى. يۇقارقى پاكىتلارنى، يېڭىشەھەر ناھىيە يىڭىشەھەر بازارلىق ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومتىتىنىڭ دىلو مەلۇماتى؛ جاۋاپكارنىڭ سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان جاۋاپكارنىڭ كىملىك ئىسپاتى؛ يېڭىشەھەر ناھىيە يىڭىشەھەر بازارلىق پارتىكۇمنىڭ 2 پارچە ئىسپاتى ۋە (2016)04-نۇمۇرلۇق كادىرلارنى ۋەتزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئۇقتۇرىشى؛ يىڭىشەھەر بازىرى كونا بازار ئاھالە كومتىتنىڭ سەي كەنت 2-4-مەھەللىنىڭ يەرلىرىنى قۇرلۇشقا ئىشلىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىستاستىكا جەدۋىلى ۋە يەرلىرى ئىگەللەنگەنلەرگە تارقىتىلغان ئاشلىق تولۇقلىما پۇلى تارقىتىش جەدۋىلى؛ يىڭىشەھەر ناھىيە يىڭىشەھەر بازارلىق پارتىكومنىڭ جاۋاپكارنىڭ 2007-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە ئۆزى ۋە ئۇرۇق-تۇقانلىرىنىڭ نامىدا ئىلىۋاتقان نوختىلۇق تۇر قۇرلىشىدىنىڭ تولۇقلىما پۇلى توغرىسىدىكى ئىستاستىكا جەدۋىلى؛ يىڭىشەھەر ناھىيە يىڭىشەھەر بازارلىق يىزا ئىقتىسادىينى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ 2 پارچە ئىسپاتى؛ يىڭىشەھەر ناھىيە يىڭىشەھەر بازارلىق ھۆكىمىتى مالىيە ئىشخانىسىنىڭ ئىسپاتى، ئىستاستىكا جەدۋىلى شۇنداقلا تۇرلۇك دوكىمىتلار؛ جاۋاپكار ئىxxنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ تاپشۇرۇش ماتىريالى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىك– پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ (2016) 5-نۇمۇرلۇق دىلو ئىچىش قارارنامىسى، جاۋاپكارنى تۇتۇش جەريانى ۋە دىلو پاش قىلىش دوكلاتى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق دوىتۇرخانىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ دىئاگۇنۇز ئىسپاتى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىككە پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ (2016) 4-نۇمۇرلۇق كىپىلگە بىرىش قارارنامىسى؛ يىڭىشەھەر ناھىيە يىڭىشەھەر بازارلىق خەلق ھۆكىمىتىنىڭ جاۋاپكار ئەسلىگە كەلتۇگەن زىياننى تاپشۇرۇپ ئىلىش تالۇنى؛ گۇۋاھچى ئىسمايىل ئابلىز، يۇسۇپ ئىمىن، گۇلشەن ئەخەت، ئەكبەر ئىمىن، تۇراق ھاشىم، مەمەتتۇرسۇن تۇراق، سەلەي ھەسەن، ئۆمەر ئىسمايىل، ئايزۆھرە غازى، گۇلىستان ئەخەت، ئابدىسەمەت مەخەتلەردىن ئىلىنغان سۆھبەت خاتىرلىرى ۋە ئىسپاتلار؛ يىڭىشەھەر بازىرى سەي كەنت ئاھالە كومتىتىنىڭ جاۋاپكار ئىگەللىۋالغان يەر كۆلىمى توغرىسىدىكى ئىستاستىكا جەدۋىلى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىككە پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دوكلاتى ۋە جاۋاپكارنىڭ تۇتۇلۇش جەريانى شۇنداقلا دىلو پاش قىلىش جەريانى؛ جاۋاپكار سوراق قىلىنغاندا ئىلىنغان بىر دانە VCD پىلاستىكىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: جاۋاپكار ئىxx يېڭىشەھەر ناھىيە يىڭىشەھەر بازىرى ناچۇق دەرۋازا كەنت ئاھالە كومتىتنىڭ سىكىرى، قوشۇمچە ئاھالە كومتىت مۇدىرى بولۇشتەك خىزمەتتىكى قۇلايلىقتىن پايدىلنىپ، ناھىيىمىزنىڭ نوختۇلۇق تۇر قۇرلىغا يەر ئىشلىتىش مەزگىلىدە كوللىكتىپ ئىگىدارلىغىدىكى يەرنى ئۆزى ۋە تۇققانلىرىنىڭ شەخسى نامىدا يوللاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ يىرى ئىگەللەنگەن دىھقانلارغا تارقاتقان تۆلەم پۇلىدىن 134436.48 يۇەننى كەنت مالىيەسىگە كىرىم قىلماي قانۇنسىز ۋاستىلار بىلەن ئىگەللىۋىلىپ يەپ كەتكەن قىلمىشىدىن خىيانەتچىلىك جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىپلىگۇچى ئورگاننىڭ دىلو خاراكتىرىنى بىكىتىپ قانۇن ماددىللىرىنى تەدبىقلىشى توغرا بولغان. ئەيبلىگەن پاكىت جىنايەتكە توشىدۇ. جاۋاپكار خىيانەت قىلغان پۇلنىڭ سوممىسى 134436.48 يۇەن بولۇپ قانۇندا بەلگىلەنگەن ‹مىقدارى بىر قەدەر كۆپ› دىگەن ئۆلچەمگە چۇشىدۇ. يىڭىشەھەر باھارلىق خەلق ھۆكىمىتى جاۋاپكارنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىنى ئىگەللەپ جاۋاپكارغا ئۇقتۇرۇش قىلغاندا، جاۋاپكار جەمئى 117166.16 يۇەننى تۆلەپ قايتۇرغان بولۇپ، سوت قىلىش جەريانىدا جاۋاپكارغا خىيانەت قىلىپ قايتۇرمىغان 17320.32 يۇەننى تۆلەپ قايتۇرۇشقا ئۇقتۇرۇش قىلغان بولساقمۇ جاۋاپكار قايتۇرمىدى، شۇڭا جاۋاپكار ئەسلىگە كەلمىگەن 17320.32 يۇەننى تۆلەپ قايتۇرشى كىرەك. يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خىيانەتچىلىككە- پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى يېڭىشەھەر بازارلىق پارتىكوم ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومىتىتىنىڭ دىلو مەلۇماتىغا ئاساسەن، جاۋاپكارنىڭ قىلمىشىغا دىلو ئىچىشتىن بۇرۇن دەسلەپكى تەكشۇرۇش باسقۇچىدا جاۋاپكار ئىxx تەكشۇرۇشنى قوبۇل قىلىپ، جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان، سوتتىمۇ بارلىق جىنايىتىنى تولۇق ئىقرار قىلىدۇ، شۇڭا جاۋاپكارنى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ بىكىتىپ، جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسىنىڭ ياخشىلىغى، تۇنجى قىتىم سوتلۇق بولغانلىغى، زىياننى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئىپادىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى جازا ئۆلچىگەندە، پەرىقلەندۇرۇش لازىم دەپ قاراپ جاۋاپكار ئىxxكە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 382-ماددا 2-تارماق، 383-ماددا 1-تارماق 1-تارماقچىسى، 52-ماددا، 67-ماددا، 64-ماددا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «خىايەتچىلىك پارىخورلۇق جىنايى ئىشلار دىلوسىنى بىجىرىشتە قانۇننى كونكىرىتنى تەدبىقلاشقا ئائىت مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 1-ماددا 1-تارماق 1-تارماقچى، 19-ماددا 1-تارماقنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

جاۋاپكار ئىxxنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايىتىگە مۇددەتلىك بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۇم قىلىندى.

جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. ھۆكۇم ئىجرا قىلنىشتىن ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان بولسا قاماپ تۇرۇلغان بىر كۇن جفزا مۇددىتىنىڭ بىر كۇنىگە سۇندۇرلۇپ ھىساپلىنىدۇ. يەنى جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۇنى باشلىنىپ، 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۇنى ئاخىرلىشىدۇ.

2.جاۋاپكار خىيانەت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۇرمىگەن 17320.32 يۇەننى دۆلەت مالىيەسىگە تۆلەپ قايتۇرىدۇ.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز (ئىتىراز) بېرىشكە بولىدۇ. يازما نارازىلىق ئەرز ( ئىتىراز ) بەرگەندە نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر نۇسخا، كۆچۈرمىسىدىن 5 نۇسخا تاپشۇرۇش كېرەك.

سـوتـچــى  بۇخلىچەم تۇرسۇن

2016-يـىـلـى 8-ئـاينىڭ 23-كۈنى

پـۈتـۈكـچــــى  نۇرئىلى داۋۇت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆疏勒县法院网

关闭窗口

地址:   邮编:  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 2668908 位访客