添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
当前位置: 维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 3122 ج د 168-نومۇرلۇق

2016-12-27 16:52:16


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

                                   

  (2016) ش 3122 ج د 168-نومۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان يېڭىشەھەر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋابكار ئابدۇۋەلى مامۇت، ئەر، ئۇيغۇر، 1991-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇغۇلغان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىلىق، دېھقان، يېڭىشەھەر ناھىيەدە ئولتۇرۇشلۇق. 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۇنى قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۇچۇن مۇددەتلىك توققۇز ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلنىپ، 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. بۇ قېتىم ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختۇتۇلۇپ، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئىلىنغان. ھازىر يىڭىشەھەر ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

جاۋابكار ھxx ، ئەر ، ئۇيغۇر ، 1992-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسگە ئىگە، دېھقان (قوشۇمچە موتوسىكلىت رىمونتچىسى)، يېڭىشەھەر ناھىيە يېڭىئېرىق يېزسىدا ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، بۇ قېتىم ئوغورلىق قىلىش، قانۇنسىز تاپاۋەتتىن كەلگەن ھارام مالنى پەدەزلاش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختۇتۇلۇپ، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئىلىنغان. ھازىر يىڭىشەھەر ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى (2016) 136-نومۇرلۇق ئەيىبنامىسى بىلەن جاۋاپكار ئابدىۋەلى مامۇتنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىش ، جاۋاپكار ھxxنىڭ ئوغورلىق قىلىش، قانۇنسىز تاپاۋەتتىن كەلگەن ھارام مالنى پەدەزلاش دىلوسىنى 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىبلىگەن. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپنى قوللنىپ تەنھا ئوچۇق سوت قىلدى. يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى دىلنار يارمەمەت، تاھىرجان مەمەتئىمىن سوتقا چىقىپ ئەيىبلەشنى قوللىدى. جاۋاپكار ئابدىۋەلى مامۇت، ھxx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى. بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

يېڭىشەھەر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، 1-جاۋابكار ئابدۇۋەلى مامۇت ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچقۇرۇن، قەشقەر شەھىرى توقۇمچىلىق ئولتۇراق رايونى 19-بىنا 4-كورپۇس 402-نۇمۇرلۇق ئۆيىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى مۇختەرجان تىيۇپنىڭ بىنا ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 9100 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە ئۈچ چاقلىق كۆك رەڭلىك داجىياڭ ماركلىق كىپىنكىسى يېپىق شەكىلدىكى يۇمىلاق روللۇق توكسىكىلىتنى ئوغرىلاپ يېڭشەھەر ناھىيسىگە ئېلىپ چىقىپ، جاۋابكار ھxxنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيە بارىن يېزا 15-كەنت تەۋەسىدىكى ئىجارە ئۆيىگە ئاپىرىپ، جاۋاپكار ھxxقا ‹ بۇ توكسىكلىتنى مەن ئوغۇرلاپ كەلگەن سېتىپ بەرگىن› دەپ ھxxقا بەرگەن . جاۋابكار ھxx ئوغرىلانغان زاڭ-مالىنى يېڭىشەھەر ناھىيە خانئېرىق بازىرى 12-كەنت 5-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق قېيىن ئانىسنىڭ ئۆيىگە يۇشۇرۇپ قويۇپ، كىيىن توكسلكىتنىڭ ئاككۇمۇلياتورىنى چىقىرىپ قەشقەر يۇەنفاڭ بازىرىغا ئەكىرىپ، ناتونۇش كىشىگە 1050 يۇەنگە سېتىپ بۇ پۇلدىن 1000 يۇەننى جاۋابكار ئابدۇۋەلى مامۇتقا بىرىپ 50 يۇەننى ئۆزى خىراجەت قىلغان.

2-جاۋابكارئابدۇۋەلى مامۇت ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۇنى كەچ ، يېڭىشەھەر ناھىيە لۇدۇڭ ئولتۇراق رايونى 9-بىنا 6-كورپۇس 622-نۇمۇرلۇق ئۆيىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى دىلمۇرات مامۇتنىڭ بىنا ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 5810 يۈەن قىممىتىدىكى ئاق رەڭلىك، خوندا ماركىلىق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى زاجىگەن سىمنى ئۈزۈپ ئوغۇرلاپ چىقىپ، جاۋابكار ھxxنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيە بارىن يېزا 15-كەنت تەۋەسىدىكى ئىجارە ئۆيىگە ئاپىرىپ جاۋابكار ھxxقا ‹بۇ موتسىكلىتنى ئوغۇرلاپ كەلدىم سېتىپ بەرگىن› دەپ بەرگەن. جاۋابكار ھxx بۇ موتسىكىلىتنى كۆك سىر بىلەن سىرىلاپ ئۆزگەرتىپ، يېڭشەھەر ناھيىە يېڭئىرىق يىزا 14-كەنىت 2-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئالىم تۇرسۇنغا ئەرزان باھادا 2300 يۇەنگە سېتىپ بۇ پۇلدىن جاۋابكار ئابدۇۋەلى مامۇتقا 900 يۇەن بىرىپ قالغان 1400 يۇەننى ئۆزى ئېىلىپ قالغان.

3-قېتىم: جاۋابكارئابدۇۋەلى مامۇت ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە 2015-يىلى 12-ئايدا يېڭىشەھەر ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمەت ئائىلە قورۇسى 2-بىنا 1-كورپۇس 202-نۇمۇرلۇق ئۆيىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى سون جەن شىڭ نىڭ بىنا ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 5600 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە، كۆك رەڭلىك ‹مۇيى جىنلۇ› ماركلىق ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنى ئوغرىلاپ چىقىپ جاۋابكار ھxxنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيە بارىن يېزا 15-كەنت تەۋەسىدىكى ئىجارە ئۆيىگە ئاپىرىپ جاۋابكار ھxxقا ‹بۇ موتسىكلىتنى ئوغۇرلاپ كەلدىم سېتىپ بەرگىن› دەپ بەرگەن. جاۋابكار ھxx بۇ ئۇچ چاقلىق توكسلكىتنى خانئېرىق بازىرى 12-كەنىت 2-مەھەللدىكى پاشاگۇل ۋاسىلغا 2200 يۇەنگە سىتىپ بۇ پۇلدىن جاۋابكار ئابدۇۋەلى مامۇتقا 1000 يۇەن بىرىپ قالغان 1200 يۇەننى ئىلىپ قالغان.

4-قېتىم: جاۋابكار ئابدۇۋەلى مامۇت بىلەن جاۋابكار ھxx بىرلىكتە ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى، كەچ يېڭىشەھەر ناھىيە بوۋاڭ كاڭچىڭ ئولتۇراق رايونى 77-بىنا 1-كورپۇس 101-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى قۇربان مامۇتنىڭ بىنا ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 5525 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە ئۈچ چاقلىق، كۆك رەڭلىك، فىڭ شوۋ ماركلىق توكسىكىلىتنى جاۋابكار ئابدۇۋەلى مامۇت زاجىگۇننى بۇزۇپ ئوغرىلىغان، جاۋابكار ھxx ئەتراپنى كۈزتۈپ تۇرغان. جاۋابكارئابدۇۋەلى مامۇت ئۇچ چاقلىق توكسىكىلىتنى ھەيدەپ ھxxنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيە بارىن يېزا 15-كەنت تەۋەسىدىكى ئىجارە ئۆيىگە ئېلىپ بارغان. شۇ كۈنى جاۋابكار ھxx جاۋاپكار ئابدۇۋەلى مامۇتنىڭ ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنى ئوغرىلىققا ماسلاشقاندىن كېيىن يەنە ئۆزى يالغۇز ئوغرىلىق قىلىش مەقستىدە يېڭىشەھەر ناھىيە بوۋاڭ كاڭچىڭ ئولتۇراق رايونى 79-بىنا 4-كورپۇس501-نۇمۇرلۇق ئۆيىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى سەمەت ئابدۇرۇسۇلنىڭ بىنا ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 3960 يۇەن قىممتىدىكى بىر دانە ئىككى چاقلىق، جىگەرەڭ، سۇزۇكى ماركلىق 新QR1913 نومۇرلۇق موتوسىكىلىتنى ئوغۇرلاپ چىقىپ شىرىكى ئابدۇۋەلى مامۇت بىلەن ئىجارە ئۆيىدە ئۇچرىشىپ ئوغۇرلىغان موتسىكلىت بىلەن توك سىكلىتنى ئالماشتۇرۇپ ھەيدەپ يېڭىشەھەر ناھىيە يېڭىئېرىق يېزسى 18-كەنىتتە ئۇچرىشىپ جاۋابكار ئابدۇۋەلى مامۇت موتۇسىكىلىتنى جاۋابكار ھxxقا سېتىپ بېرشىگە تاپشۇرۇپ ئۆيىگە كەتكەن. جاۋابكار ھxx ئوغرىلانغان زاڭ-مالنى ھەيدەپ خانرىق بازىرى 12-كەنت 5-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق قېيىن ئانىسنىڭ ئۆيىگە يۇشۇرۇپ قويغان.

دىمەك جاۋابكار ئابدۇۋەلى مامۇت ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ئۆزى يالغۇز ئۇچ قىتىم، شىرىكى ھxx بىلەن بىرلىشىپ بىر قىتىم بولۇپ جەمى تۆت قىتىم ئوغۇرلۇق قىلىپ باشقىلارنىڭ 29995 يۇەن قىممتىدىكى مال-مۈلۈكىنى ئوغۇلىغان. جاۋابكار ھxx 20510 يۇەن قىممتىدىكى ھارام مالنى سىتىپ سۇ قىلغاندىن باشقا ئۆزى يالغۇز بىر قىتىم جاۋاپكار ئابدىۋىلى مامۇت بىلەن بىرلىشىپ بىر قىتىم جەمئى 2 قىتىم ئوغۇرلۇق قىلىپ شەخسىلەرنىڭ 9485 يۇەن قىممتىدىكى مال-مۈلۈكىنى ئوغۇرلاشقا قاتنشقان.

بۇ دىلو 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى زىيانلانغۇچى سەمەت ئابدۇرۇسۇلنىڭ دىلو مەلۇم قىلىشى بىلەن رازۋىتكا قىلىش ئارقىلىق ھxxنىڭ سەمەت ئابدۇرۇسۇلنىڭ ئىككى چاقىلىق موتسىكلىتىنى ئوغۇرلاپ ماڭغانلىق ئامانلىق تىلكامىراسىغا چۈشۈپ قالغان سۈرەتلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ھxxنى تۇتۇپ سوراق قىلىش ئارقىلق، جاۋاپكار ھxx جىنايىتىنى ئىقرار قىلىش بىلەن بىللە جاۋاپكار ئابدىۋىلى مامۇتنىڭ جخنايىتىنى پاش قىلغان. جاۋاپكار ئابدىۋىلى مامۇت تۇرالغۇسىدا قولغا چۇشۇپ دىلو پاش بولغان .

يېڭشەھەر ناھىيلىك مال-باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دىلوغا چېتىشلىق بويۇملارنى باھالاش يەكۈنىدە ئوغۇرلانغان كۆك رەڭلىك «فېڭشۇ»ماركىلىق ئۈچ چاقىلق توكسىكىلىتنىڭ باھاسىنى 5600 يۇەن، «خاۋجۆ» ماركىلىق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنىڭ باھاسىنى 3960 يۇەن، «فېڭشۇ» ماركىلىق ئۈچ چاقىلق توكسىكىلىتنىڭ باھاسىنى 5525 يۇەن، «داجىياڭ» ماركىلىق ئۈچ چاقلىق توكسىكىلتنىڭ باھاسىنى 9100 يۇەن، «بىنتىيەن» ماركىلىق ئىككى چاقلىق موتسىكىلتىنىڭ باھاسىنى 5810 يۇەن بولۇپ جەمئى 29995 يۇەن باھالانغان.

دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زاڭ-مال زىيانلانغۇچىلارغا قايتۇرزىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن. جاۋاپكار ئابدىۋىلى مامۇتقا ئوغۇرلۇق جىنايىتىنى بىكىتىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 65- ماددا، 25-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جازا بىرلىشى؛ جاۋاپكار ھxxقا ئوغۇرلۇق، قانۇنسىز تاپاۋەتتىن كەلگەن ھارام مالنى پەدەزلاش جىنايىتىنى بىكىتىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 312- ماددا، 25-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جازا بىرلىشى لازىم دەپ ئەيىبلىدى.

جاۋاپكار ئابدىۋەلى مامۇت، ھxxلار، ئەيىبنامىدە بىكىتىلگەن پاكىتلارنىڭ ھەممىسى راست دەپ قىلمىشىنى تولۇق ئىقرار قىلىپ ئۆزىنىڭ باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويمىدى. يۇقارقى پاكىتلارنى زىيانلانغۇچى دىلمۇرات مامۇت، مۇختەر تىيىپ، ساۋ جەن شىيەن، قۇربان مامۇت، سەمەت ئابدۇرسۇللارنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە سۆھبەت خاتىرلىرى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 05201602014- 05201602045- 05201604056- 05201605079- 05201605078- نۇمۇرلۇق قوبۇل قىلىنغان جىنايى ئىشلار دىلوسىنى تىزىملاش جەدۋىلى ۋە (2016) 18-73-95-96-190-نومۇرلۇق دىلو ئىچىش قارارنامىسى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دىلو پاش قىلىش دوكلاتى ۋە تۇتۇپ قىلىنغان ماددى بۇيۇملار تىزىملىگى؛ جاۋاپكارلارنىڭ نوپۇس ئىسپاتى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 47-48-نومۇرلۇق توختۇتۇپ قويۇش گۇۋاھنامىسى ۋە (2016) 102-103--نومۇرلۇق قولغا ئىلىش گۇۋاھنامىسى؛ جاۋاپكارلاردىن ئىلىنغان سوراق خاتىرلىرى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك باھانى نازارەت قىلىش تەكشۇرۇش ئىدارىسىنىڭ20160012-20160013-20160014- 20160015-20160017-نۇمۇرلۇق دىلوغا چىتىشلىق ھارام لانى باھالاش يەكۇنى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016)23-24- 25-26-27-نۇمۇرلۇق باھالاش خلاسىسىنى ئۇقتۇرۇش قىلىشنامىسى؛ گۇۋاھچى بۇئاتىكەم مىجىت، غىنى تۇرسۇن، پاشاگۇل ۋاسىللاردىن ئىلىنغان سۆھبەت خاتىرسى؛ زىيانلانغۇچى دىلمۇرات مامۇت، مۇختەر تىيىپ، ساۋ جەن شىيەن، قۇربان مامۇت، سەمەت ئابدۇرسۇللارنىڭ تاپشۇرۇپ ئىلىش ھۆججىتى؛ نەخ مەيداننى تونىتىش خاتىرسى؛ ئالىم قايىمنىڭ جاۋاپكارنى تونۇپ بىرىش خاتىرسى؛ نەخ مەيدان خاتىرسى، خەرىتىسى، نەخ مەيداننىڭ سۇرىتى؛ قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2015) 440-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۇمنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى، جاۋاپكار ئابدىۋەلى مامۇت قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ بىر قەدەر كۆپ مىقداردىكى مال-مۇلكىنى يوشۇرۇن ئىلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋاپكار ھxx قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ بىر قەدەر كۆپ مىقداردىكى مال-مۇلكىنى يوشۇرۇن ئىلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى؛ باشقىلارنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىشتىن ئىبارەت قانۇنسىز يوللار بىلەن ئوغۇرلاپ كەلگەن ھارام مالنى بىلىقپ تۇرۇپ سىتىپ بەرگەن قىلمىشىدىن قانۇنسىز تاپاۋەتتىن كەلگەن ھارام مالنى پەدەزلاش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيبلىگۇچى ئورگاننىڭ جاۋاپكارلارنىڭ جىنايىتىگە دىلو خاراكتىرىنى بىكىتىپ قانۇن ماددىللىرىنى تەدبىقلىشى مۇۋاپىق بولغان. ئەيىپلىگەن پاكىت جىنايەتكە توشىدۇ. جاۋاپكارلارنى قانۇن بويىچە جازالاش لازىم. جاۋاپكار ئابدىۋەلى مامۇت ئۆزى يالغۇز 3 قىتىم شىرىگى ھxx بىلەن بىرلىشىپ بىر قىتىم جەمئى 4 قىتىم ئوغۇرلۇق قىلىپ، شەخسىلەرنىڭ 29995 يۇەن قىممىدىتىكى مال- مۇلكىنى ئوغۇرلىغان بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ‹مىقدارى بىر قەدەر كۆپ› دىگەن ئۆلچەمگە چۇشىدۇ. جاۋاپكار ھxx ئۆزى يالغۇز بىر قىتىم بىر قىتىم بىرلىشىپ بىر قىتىم جەمئى ئىككى قىتىم ئوغۇرلۇق قىلىپ شەخسىلەرنىڭ 9485 يۇەن قىممىتىدىكى مال-مۇلكىنى ئوغۇرلاشقا قاتناشقان. 20510 يۇەن قىممىتىدىكى ھارام مالنى ئوغۇرلانغان ھارام مال ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرۇپ سىتىپ بەرگەن بولۇپ ھەر ئىككى قىتىملىق جىنايىتىنىڭ سوممىسى ‹مىقدارى بىر قەدەر كۆپ› دىگەن ئۆلچەمگە چۇشىدۇ. جاۋاپكار ئابدىۋەلى مامۇت ئىلگىرى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن بىر قىتىم سوتلۇق بولغان تۇرۇقلۇق، ھالال ئەمگىگى بىلەن تۇرمۇش ئۆتكۇزمەي، مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنىپ جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەندىن كىيىنكى بەش يىل ۋاقىت ئۆتمەي تۇرۇپ يەنە ئوغۇرلۇق قىلىپ تەكرار جىنايەت ئۆتكۇزگەن. جاۋاپكار ھxx بولسا ھەم ئوغۇرلۇق جىنايىتى ھەم قانۇنسىز تاپاۋەتتىن كەلگەن ھارام مالنى پەدەزلاش جىنايىتى ئۆتكۇزگەن بولۇپ، ھەر بىر جىنايىتىگە ئايرىم-ئايرىم جازا ئۆلچەپ بىر نەچچە خىل جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش پىرىنسىپىگە ئاساسەن جازا ھۆكۇم قىلىش كىرەك. ئۇنىڭدىن باشقا جاۋاپكار ھxx ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى تاپشۇرۇش بىلەن جاۋاپكار ئابدىۋەلى مامۇتنى پاش قىلغان. ئوغۇرلانغان ھارامنىڭ كۆپ قىسمىنى جاۋاپكار ھxx تۆلەپ قايتۇرغان. جاۋابكارلارنىڭ ئوغۇرلۇق قىتىم سانى، ئوغۇرلۇق سوممىسى، ئەسلىگە كىلىش ئەھۋالى، سوتتىكى جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى، تەكارار جىنايەت ئۆتكۇزگەنلىگى قاتارلىقلارنى جازا ئكلچىگەندە پەرىقلەندۇرۇش لازىم دەپ قاراپ جاۋاپكار ئابدىۋەلى مامۇتقا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 52-ماددا، 25-ماددا 65-ماددا، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكىرىتنى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ 1-ماددا 1- تارماقنىڭ بەلگىلمىسى؛ جاۋاپكار ھxxقا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 312-ماددا، 69-ماددا، 52-ماددا، 25-ماددا، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكىرىتنى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ 1-ماددا 1- تارماقنىڭ بەلگىلمىسى ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۇم قىلىندى.

1.جاۋابكار ئابدۇۋەلى مامۇتنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە مۇددەتلىك ئۇچ يىللىق قاماق جازاسى، قوشۇمچە 5000 يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۈم قىلىندى.

جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ؛ ھۆكۇم ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان بولسا ئالدىن قاماپ تۇرۇلغان بىر كۈن جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۈنىگە سۇندۇرلۇپ ھىساپلىنىدۇ. يەنى جاۋاپكار ئابدۇۋەلى مامۇتنىڭ جازا مۇددىتى 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى باشلىنىپ، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

2.جاۋاپكار ھxxنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە مۇددەتلىك توققۇز ئايلىق قاماق جازاسى، قوشۇمچە 2000 يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇشقا، قانۇنسىز تاپاۋەتتىن كەلگەن ھارام مالنى پەدازلاش جىنايىتىگە مۇددەتلىك بىر يىل تۆت ئايلىق قاماق جازاسى، قوشۇمچە 2000 يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇشقا، قوشۇپ جازالاپ ئەمىلىي ئىجرا قىلنىدىغان جازا مۇددەتلىك بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى قوشۇمچە 4000 يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۇم قىلىندى.

جاۋاپكار قۇربان باراتنىڭ جازا مۇددىتى 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۇنى باشلىنىپ، 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۇنى ئاخىرلىشىدۇ.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز (ئىتىراز) بېرىشكە بولىدۇ. يازما نارازىلىق ئەرز ( ئىتىراز ) بەرگەندە نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر نۇسخا، كۆچۈرمىسىدىن 5 نۇسخا تاپشۇرۇش كېرەك.

سـوتــچــى بۇخلىچەم تۇرسۇن

2016-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنـى

پـۈتـۈكـچـى نۇرئىلى داۋۇت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆疏勒县法院网

关闭窗口

地址:   邮编:  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 2668909 位访客