添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
当前位置: 维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 3122 ي د 164- نومۇرلۇق

2016-12-27 16:49:10


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايـى ئىشلار ھۆكۈمنامىسـى

             (2016) ش 3122 ي د 164- نومۇرلۇق

 ئەيىپلىگۈچى ئورۇن يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋابكار تۇردى كىرىم، ئەر، ئۇيغۇر، 1950-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇغۇلغان. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، .ئاممىۋى، دېھقان. يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يىزىسدا ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان. ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن توختۇتۇلۇپ، 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 2- كۈنى يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان. ھازىر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

ئاقلىغۇچى ھەسەنجان ئابدىغىنى، شىنجاڭ فاخىڭ ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2016–يىلى 8–ئاينىڭ 12-كۈنى (2016) ئەيىپلەش چىقىش 137-نومۇرلۇق ئەيىپنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار تۇردى كىرىمنى ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ مەھكىمىمىزگە ئەيىبلىگەن. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە كىڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ ئاددىلاشتۇرۇپ رەسمىي ئوچۇق سوت قىلدى. يېڭىشەھەر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى سەيپۇللا ھەسەن، ئايگۇل مىجىت سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى. جاۋابكار تۇردى كىرىم ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى ھەسەنجان ئابدىغىنى سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى. بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

  سوت قىلىپ ئىنىقلىشىمىزچە، جاۋابكار تۇردى كىرىم 2011-يىلى 5 ئايدىن 2012-يىلى 6-ئايغىچە ، باشقىلارنىڭ يىزا نوپۇسىنى شەھەر نوپۇسقا ئۆزگەرتىش، ياش چوڭايتىپ پىنىسيە مائاشلىق قىلىپ قويۇش نامى بىلەن، يېڭشەھەر ناھىيە يامانيار يىزا 2- كەنىت 3-مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى تۇر ئېلىدىن 2500 يۇەن، يېڭىشەھەر ناھىيە بارىن يىزا 4- كەنىت 5- مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى ياسىن تاجىدىن 5000 يۇەن، يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يىزا 3- كەنىت 4- مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى سەيدۇللا قايىمدىن 4000 يۇەن، يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يىزا 2- كەنت 1- مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى موللا غوجىدىن 700 يۇەن، يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يىزا 2- كەنىت 3- مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى ئابدىۋايىت مەمەتدىن 2800 يۇەن، يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يىزا 2- كەنىت 1- مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى مامۇت مەمەتتىن 2000 يۇەن، يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يىزا 2- كەنىت 2- مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى مەمەت مامۇتتىن 2000 يۇەن، يېڭىشەھەر ناھىيە باغچى يىزا 1- كەنىت 1- مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى غوجى مۇسادىن تۆت ئادەمنىڭ ئىشىنى قىلىپ بىرىش ئۈچۈن 14000 يۇەن، يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يىزا 3- كەنىت 2- مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى راخمان روزىدىن 2600 يۇەن، يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يىزا 4- كەنىت 4- مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى ياسىن سىدىقدىن 2000 يۇەن، يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يىزا 4- كەنىت 1- مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى غوپۇر توختىدىن 2000 يۇەن، يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يىزا 3- كەنىت 1- مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى ئابلىمىت تاشتىن 3200 يۇەن، يېڭىشەھەر ناھىيە باغچى يىزا 3- كەنىت 2- مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى ئەمەت ھەسەندىن ئۈچ ئادەمنىڭ ئىشىنى قىلىپ بىرىش ئۈچۈن 13500 يۇەن، يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يىزا 4- كەنىت 5- مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى توختى ساۋۇتتىن 3000 يۇەن، يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يىزا 10- كەنىت 3- مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى ياسىن ئسىمائىلدىن 3000 يۇەن، يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يىزا 4- كەنىت 2- مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى تۇرسۇن مەخەتتىن 5100 يۇەن، يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يىزا 10- كەنىت 1- مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى توختى قۇرباندىن 3500 يۇەن، يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يىزا 16- كەنىت 2- مەھەللىلىك زىيانلانغۇچى تۇردى تەۋەككۈلدىن 2500 يۇەن بولۇپ جەمئى 18 نەپەر زىيانلانغۇچىنىڭ 73400 يۇەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.

2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى زىيانلانغۇچى تۇر ئېلى يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىغا دىلو مەلۇم قىلغاندىن كىيىن، خەلق ساقچىللىرى جاۋابكار تۇردى كىرىمنى ئىزلەپ جاۋاپكارنىڭ تۇرالغۇسىغا بارغاندا، جاۋاپكار ئۆيىدە يوق بولۇپ، جاۋاپكارنىڭ تۇققانلىرىغا خەۋەر قىلغاندىن كىيىن، جاۋاپكار ئائىلە ئەزالىرىدىن ج خ خادىملىرىنىڭ ئۆزىنى ئىزلەۋاتقانلىغىدىن خەۋەر تىپىپ، تۇرالغۇسىغا قايتىپ كەلگەن. جاۋاپكارنىڭ تۇرالغۇسىغا قايتىپ كەلگەنلىگىدىن خەۋەر تاپقان خەلق ساقچىللىرى جاۋاپكارنى يامانيار يىزا سىغىزلىق كەنت ساقچىخانىسىغا كىلىشنى ئىيىتقان جاۋاپكار كەنت ساقچىخانىسىغا بىرىپ ئۆزىنىڭ ئالدامچىلىق جىنايى قىلمشىنى ئىقرار قىلىپ دىلو پاش بولغان.

دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىلارنىڭ زىينى ئەسلىگە كەلمىگەن قاتارلىق پاكىتلار ئىنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى جاۋابكارنىڭ نوپۇس ئىسپاتى؛ زىيانلانغۇچى تۇر ئېلى، ياسىن تاجى، سەيدۇللا قايىم، موللا غوجى، ئابدىۋايىت مەمەت، مامۇت مەمەت، مەمەت مامۇت، غوجى مۇسا، راخمان روزى، ياسىن سىدىق، غوپۇر توختى، ئابلىمىت تاش، ئەمەت ھەسەن، توختى ساۋۇت، ياسىن ئسىمائىل، تۇرسۇن مەخەت، توختى قۇربان. تۇردى تەۋەككۈللارنىڭ دىلو مەلۇماتى سۆھبەت خاتىرلىرى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 05201605086 -نۇمۇرلۇق قوبۇل قىلىنغان جىنايى ئىشلار دىلوسىنى تىزىملاش جەدۋىلى ۋە (2016) 104- نۇمۇرلۇق دىلو ئىچىش قارارنامىسى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دىلو پاش قىلىش دوكلاتى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 61- نۇمۇرلۇق توختۇتۇپ قويۇش گۇۋاھنامىسى ۋە (2016) 153- نۇمۇرلۇق قولغا ئىلىش گۇۋاھنامىسى؛ جاۋابكاردىن ئىلىنغان سوراق خاتىرىلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل–ئىسپاتلار ئوبىيكتىپ، باغلىنىشلىق، قانۇنلۇق دەلىل–ئىسپاتلار سېستىمىسنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، مەھكىمىمىز تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىپ بېكىتىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى، جاۋابكار تۇردى كىرىم قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە،‹ يىزا نوپۇسىنى شەھەر نوپۇسقا ئۆزگەرتىپ بىرىمەن، ياش چوڭايتىپ پىنىسيە مائاشلىق قىلىپ قويىمەن › دەپ يالغاندىن پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، تۇر ئىلى قاتارلىق 18 نەپەر زىيانلانغۇچىنىڭ نەخ پۇلنى ئالداپ ئىلىۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىپلىگۇچى ئورگاننىڭ دىلو خاراكتىنى بېكىتىشى ھەم قانۇن ماددىلىرىنى تەدبىقلىشى توغرا بولغان. جاۋابكارغا ئالدامچىلىق جىنايىتىنى بىكىتىپ جازا ھۆكۇم قىلىشقا بولىدۇ. جاۋابكار زىيانلانغۇچىلاردىن ئالداپ ئىلىۋالغان ئومۇمى پۇلنىڭ سوممىسى73400 مىڭ يۇەن بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ‹مىقدارى ناھايىتى كۆپ› دىگەن ئۆلچەمگە چۇشىدۇ. زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتىغا ئاساسەن، خەلق ساقچىللىرى جاۋابكارنى ئىزلەپ تۇرالغۇسىغا بارغاندا، جاۋاپكار ئۆيىدە يوق بولۇپ، جاۋاپكارنىڭ تۇققانلىرىغا خەۋەر قىلغاندىن كىيىن، جاۋاپكار يامانيار يىزا سىغىزلىق كەنت ساقچىخانىسىغا كىلىپ، مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشتىن بۇرۇن جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان. سوتتىمۇ جىنايىتىنى تولۇق تاپشۇرىدۇ. شۇڭا جاۋاپكارنى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ بىكىتىشكە بولىدۇ. ئاقلىغۇچىنىڭ جاۋاپكارنى ئاقلاپ، ‹جاۋابكار تۇنجى قىتىم سوتلۇق بولغان، سوتتىكى جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار، يىنىك جازا بىرىشكە تىگىشلىك› دىگگن ئاقلاش پىكىرىنىڭ پاكىت ئاساسى بار، قوللاشقا بولىدۇ. جاۋابكار زىيانلانغۇچىدىن ئالداپ ئىلىۋالغان 73400 يۇەن نەخ پۇلنى خىراجەت قىلىپ تۇگەتكەن بولۇپ، زىياننى ئەسلىگە كەلتۇرمىگەن. شۇڭا ئەسلىگە كەلمىگەن 73400 يۇەننى زىيانلانغۇچىلارغا تۆلەپ قايتۇرشى لازىم. جاۋابكار تۇنجى قىتىم سوتلۇق بولغان، سوتتىكى جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بولسىمۇ زىياننى ئەسلىگە كەلتۇرمىگەن، شۇڭا بۇ تەرىپىنى جازا ئۆلچىگەندە پەرىقلەندۇرۇش لازىم دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266- ماددا، 52-ماددا، 64-ماددا، 67-ماددا 1- تارماق، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ « ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ۋە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دىلوسىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكىرىتنى تەدبىقلاشقا ئائىت مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى » نىڭ 1-ماددا 1-تارماق 1-تارماقچىسى، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹ئالدامچىلىق جىنايى دىلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكىرتنى تەدبىقلاشقا ئائىت مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى› نىڭ 1-ماددا 2-تارماقنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى.

1.جاۋابكار تۇردى كىرىمگە ئالدامچىلىق جىنايىتىنى بىكىتىپ مۇددەتلىك ئۇچ يىللىق قاماق جازاسى، قوشۇمچە 10000 يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۈم قىلىندى؛

جازا مۇددىتى ھۆكۇم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ. ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان بولسا ئالدىن قاماپ تۇرۇلغان بىر كۈن جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۈنىگە سۇندۇرۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. يەنى جاۋابكارنىڭ جازا مۇددىتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى باشلىنىپ 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

2. جاۋابكار تۇردى كىرىم ئالداپ ئىلىۋىلىپ ئەسلىگە كەلمىگەن 73400 يۇەندىن زىيانلانغۇچى تۇر ئېلىغا 2500 يۇەن، زىيانلانغۇچى ياسىن تاجىغا 5000 يۇەن، زىيانلانغۇچى سەيدۇللا قايىمغا 4000 يۇەن، زىيانلانغۇچى موللا غوجىغا 700 يۇەن، زىيانلانغۇچى ئابدىۋايىت مەمەتكە 2800 يۇەن، زىيانلانغۇچى مامۇت مەمەتكە 2000 يۇەن، زىيانلانغۇچى مەمەت مامۇتقا 2000 يۇەن، زىيانلانغۇچى غوجى مۇساغا 14000 يۇەن، زىيانلانغۇچى راخمان روزىغا 2600 يۇەن، زىيانلانغۇچى ياسىن سىدىققا 2000 يۇەن، زىيانلانغۇچى غوپۇر توختىغا 2000 يۇەن، زىيانلانغۇچى ئابلىمىت تاشقا 3200 يۇەن، زىيانلانغۇچى ئەمەت ھەسەنگە 13500 يۇەن، زىيانلانغۇچى توختى ساۋۇتغا 3000 يۇەن، زىيانلانغۇچى ياسىن ئسىمائىلغا 3000 يۇەن، زىيانلانغۇچى تۇرسۇن مەخەتكە 5100 يۇەن، زىيانلانغۇچى توختى قۇربانغا 3500 يۇەن، زىيانلانغۇچى تۇردى تەۋەككۈلغا 2500 يۇەن تۆلەپ قايتۇرىدۇ.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالغاننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بېرىشكە بولىدۇ. يازما نارازىلىق ئەرز بەرگەندە نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر نۇسخا، كۆچۈرمىسىدىن 10 نۇسخا تاپشۇرۇش كېرەك.

باش    سوتچى  بۇخلىچەم تۇرسۇن

مۇۋاققەت ســوتـچـى نۇرئىلى داۋۇت

خەلق  زاستاتىلى   ئىزىز   مەمەت

  2016-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى

پــۈتــۈكـچى  ئالىمجان ئابدىرشىت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆疏勒县法院网

关闭窗口

地址:   邮编:  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 2668910 位访客