添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
当前位置: 维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 3122 ج د 223- نومۇرلۇق

2016-12-27 16:46:42


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

                                   

  (2016) ش 3122 ج د 223- نومۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان يېڭىشەھەر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋابكار ئەxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1997-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۇنى تۇغۇلغان. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئاممىۋى، دىھقان، يىڭشەھەر ناھىيە يىڭىشەھەر بازىرى. 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۇنى مەكىت ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۇچۇن مۇددەتلىك بىر يىل بىر ئايلىق قاماق جازاسىنى ئىككى يىل كىچىكتۇرۇشكە، قوشۇمچە 2000 يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۇم قىلىنغان. بۇ قىتىم ئوغرىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى يىڭشەھەر ناھيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختۇتۇلۇپ، 2016- يىلى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئىلىنغان. ھازىر يىڭشەھەر ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

جاۋاپكار قxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1996-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۇنى تۇغۇلغان. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئاممىۋى، دىھقان، يىڭشەھەر ناھىيە قومشىرېق يىزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق .2015-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۇنى مەكىت ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۇچۇن مۇددەتلىك بىر يىل تۆت ئايلىق قاماق جازاسىنى ئىككى يىل ئالتە ئاي كىچىكتۇرۇشكە، قوشۇمچە 2000 يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۇم قىلىنغان. بۇ قىتىم ئوغرىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى يىڭشەھەر ناھيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختۇتۇلۇپ، 2016- يىلى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئىلىنغان. ھازىر يىڭشەھەر ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2016- يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى (2016) 196- نومۇرلۇق ئەيىبنامىسى بىلەن جاۋاپكار ئەxx، قxxلارنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايى دىلوسىنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىپ، رەسمىي ئوچۇق سوت قىلدى. يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى سەيپۇللا ھەسەن، مۇۋاققەت تەپتىش ئايگۇل مىجىت سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى. جاۋاپكار ئەxx، قxx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى. بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

يېڭىشەھەر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، 1-قىتىم: جاۋاپكار ئەxx، قەيسەر ئابدىريىملەر ئوغۇرلۇق قىلىشنى مەسلەھەتلىشىپ 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۇنى كەچ ئۇرۇمچى ۋاختى سائەت 12 ئەتراپىدا، يىڭىشەھەر ناھىيە‹شۇلى› ئولتۇرۇاق رايۇنى ئىچىگە كىرىپ زىيانلانغۇچى ئەنۋەر ئابلىزنىڭ 4-بىنا 1-زالنىڭ ئالدىدا توختۇتۇپ قويغان 2100 يۇەن قىممىتىدىكى بىر دانە ئاق رەڭلىك ‹يادى› ماركىلىق توكسىكىلىتىنى ئوغۇرلاپ، قەشقەر شەھرى 8-ئولتۇراق رايۇنى ئىچىگە يوشۇرۇپ قويغان.

2-قىتىم، جاۋاپكار ئەxx، قەيسەر ئابدىريىملەر 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۇنى كەچ ئۇرۇمچى ۋاختى سەھەر سائەت 4 ئەتراپىدا، يىڭىشەھەر ناھىيە‹خۇپەن ۆاڭ چىڭ› ئولتۇرۇاق رايۇنى ئىچىگە كىرىپ زىيانلانغۇچىخى يا شۇەننىڭ 5-بىنا 2-زالنىڭ ئالدىدا توختۇتۇپ قويغان 2240 يۇەن قىممىتىدىكى بىر دانە سىرىق رەڭلىك ‹چىڭ ياڭ› ماركىلىق توكسىكىلىتىنى، زىيانلانغۇچى ئايشەمگۇل ئۇرايىمنىڭ چىلان رەڭلىك توكسىلىتىنىڭ 385 يۇەن قىممىتىدىكى 4 دانە ئاكىمىلىياوتىرنى، زىيانلانغۇچى ۋۇ زۇ چۇننىڭ 1-بنىا 2-زال ئالدىغا توىتۇتۇپ قويغان ئۇچ چاقلىق يىشىل رەڭلىك توكسىكىلىتنىڭ 660 يۇەن قىممىتىدىكى 5 دانە ئاكىمىلىياتورىنى ئوغۇرلاپ، قەشقەر شەھرىگە ئىلىپ كىرىپ، ئوغۇرلىغان سىرىق رەڭلىك توكسىكىلىتنىڭ 4 دانە ئاكىلىياتورىنى قوشۇپ جەمئى 13 دانە ئاكىمىلىياتۇرنى ناتونۇش كىشىگە 680 يۇەنگە سىتىپ پۇلى تەڭ خەجلەپ تۇگەتكەن.

3-قىتىم، جاۋاپكار ئەxx، قەيسەر ئابدىريىملەر 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۇنى كەچ ئۇرۇمچى ۋاختى سائەت 11 ئەتراپىدا، يىڭىشەھەر ناھىيە ‹تاشقى سودا› ئولتۇرۇاق رايۇنى ئىچىگە كىرىپ زىيانلانغۇچى دڭ اىڭ لەننىڭ 1-بىنا 3-زالنىڭ ئالدىدا توختۇتۇپ قويغان 1600 يۇەن قىممىتىدىكى بىر دانە كۇمۇش رەڭلىك ‹يادى› ماركىلىق ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتى بىلەن بىر كۆك رەڭلىك ئىككى چاقلىق توك نسىكىلىتنىڭ ئىچىدىكى 385 يۇەن قىممىتىدىكى 4 دانە ئاكىمىلاتورىنى ئوغۇرلاپ، قەشقەر شەھرىگە ئىلىپ، كىرىپ ئاكىمىلىياتورنى باشقىلارغا ئەرزان باھادا سىتىپ پۇلى تەڭ خەجلەپ تۇگەتكەن. ئىككى چاقلىق توكسىلىتنى قەشقەر يۇەن فاڭ بازىرىنىڭ ئارقا تەرىپىگە تاشلىۋەتكەن.

4-قىتىم، جاۋاپكار ئەxx، قەيسەر ئابدىريىملەر 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۇنى چۇشتىن كىيىن ئۇرۇمچى ۋاختى سائەت 3 ئەتراپىدا، يىڭىشەھەر ناھىيە بارىن يىزا 3-كەنت 6-مەھەللىگە بىرىپ، زىيانلانغۇچى تۇقىز ئىسلامنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا توىتۇتۇپ قويغان 1000 يۇەن قىممتىدىكى كۇمۇش رەڭلىك ‹ئەيما› ماركىلىق ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنى ئوغۇرلاپ، توكسىكىلىت ئىچىدىكى 4 دانە ئاكىمىياتورنى ئىلىۋىلىپ، ئالدىنقى كۇنى ئوغۇرلاپ يۇەن فاڭ بازىرى ئارقىسىغا تاشلاپ قويغان توكسىكىلىتنىڭ 4 دانە ئاكىمىلىياتورىنى سۆكۇپ ئىلىپ 8 دەنە ئاكىلىمىياتورنى ناتونۇش كىشىگە 380 يۇەنگە سىتىپ، پۇلنى تەڭ خەجلەپ تۇگەتكەن. ئوغۇرلىغان توكسىكىلىتنىڭ گەۋدىسىنى تاشلىۋەتكەن.

زىيانلانغۇچىلارنىڭ دىلو مەلۇم قىلىشى بىلەن رازۋىتكا قىلىش ئارقىلىق جاۋاپكارلار قولغا چۇشۇپ، جاۋاپكارلارنى سوراق قىلىپ، دەلىل-ئىسپات توپلاپ دىلو پاش بولغان. دىلو پاش قىلىنغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى ئەنۋەرنىڭ 2100 يۇەن قىممىتىدىكى، زىيانلانغۇچى دۇ فىڭ لەننىڭ 1600 يۇەن قىممتىدىكى توكسىكىلىتى ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، قالغان زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. جاۋاپكار ئەxx، قxxلەرگەن ئوغۇرلۇق جىنايىتىنى بىكىتىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-25- 77- ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جازا بىرلىشى لازىم دەپ ئەيىپلىدى.

جاۋاپكار قxx،ئەمەت ئالىملەر، ئەيىپلەشنامىدە بىكىتىلگەن پاكىتلارنىڭ ھەممىسى راسىت دەپ قىلمىشىنى تولۇق ئىقرار قىلىپ ئۆزىنىڭ باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويمىدى.

يۇقارقى پاكىتلارنى زىيانلانغۇچى ئەنۋەر ئابلىز، خى يا شۇەن، ئايشەمگۇل ئۇرايىم، ۋۇ زۇ چۇن، دۇ فاىڭ لەن، تۇقىز ئىسلاملارنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە سۆھبەت خاتىرسى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 05201607133- 05201607134-نۇمۇرلۇق قوبۇل قىلىنغان جىنايى ئىشلار دىلوسىنى تىزىملاش جەدۋىلى ۋە (2016) 193-194- نۇمۇرلۇق دىلو ئىچىش قارارنامىسى ۋە دىلو پاش قىلىش ماتىريالى؛ جاۋاپكار ئالىمجان ياقۇپنىڭ نوپۇس ئىسپاتى؛ يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 222-223- نۇمۇرلۇق توختۇتۇپ قويۇش گۇۋاھنامىسى ۋە (2016) 237-238-نۇمۇرلۇق قولغا ئىلىش گۇۋاھنامىسى؛ جاۋاپكار قxx، ئەxxدىن ئىلىنغان سوراق خاتىرلىرى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ قىلىنغان ماددى بۇيۇملار تىزىملىگى شۇنداقلا قايتۇرۇلغان ماددى بۇيۇملار تىزىملىگى؛ تاپشۇرۇپ ئىلىش ھۆججىتى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك باھانى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 2016043- نۇمۇرلۇق دىلوغا چىتىشلىق ماددى بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 67- 68- 69- 70- 71- 72- نۇمۇرلۇق باھالاش خۇلاسىسىنى ئۇقتۇرۇش قىلىشنامىسى؛ مەكىت ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2015) ي ج د 253- نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۇمنامىسى؛ نەخ مەيدان خاتىرسى، خەرىتىسى، نەخ مەيدان ۋە ھارام مالنىڭ سۇرىتى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلانغانلىغى ئۇچۇن مەھكىمىز تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىپ بېكىتىلدى.

مەھكىمىمز مۇنداق قارىدى: جاۋاپكار قxx، ئەxxلەر قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەخسىدىدە باشقىلارنىڭ بىر قەدەر كۆپ مىقداردىكى مال-مۇلكىنى يوشۇرۇن ئىلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىپلىگەن پاكىت جىنايەتكە توشىدۇ. جاۋاپكارلارنى قانۇن بويىچە جازالاش لازىم. جاۋاپكارلار ئالدىن ئوغۇرلۇق قىلىشنى مەسلەھەتلىشىپ، ئوغۇرلىغان ھارام مالنى سىتىپ پۇلىنىمۇ تەڭ خىراجەت قىلغان، شۇڭا جاۋاپكارلارنى بىرلىشىپ جىنايەت سادىر قىلغان دەپ بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋاپكارلار بىرلىشىپ 4 قىتىم ئوغۇرلۇق قىلىپ شەخسىلەرنىڭ 8370 يۇەن قىممىتىدىكى مال-مۇلكىنى ئوغۇرلىغان بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مىقدارى بىر قەدەر كۆپ دىگەن ئۆلچەمگە چۇشىدۇ. جاۋاپكارلار ئىلگىرى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنىپ، جازاسى كىچىكتۇرۇلگەن بولۇپ، جازا كىچىكتۇرۇپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە يەنە ئوغۇرلۇق قىلىپ جىنايەت سادىر قىلغان، شۇڭا جازانى كىچىكتۇرۇشنى بىكار قىلىپ، يىڭى جىنايىتى ئۇستىدىن ھۆكۇم قىلىپ، ئىلگىركى جىنايىتى بىلەن كىيىنكى جىنايىتى ئۇچۇن ھۆكۇم قىلىنغان جازانى بىر نەچچە خىل جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش پىرىنسىپىگە بويىچە بىكىتىش لازىم. جاۋاپكارلار ئوغۇرلاپ ئەسلىگە كەلمىگەن زىياننى زىيانلانغۇچىلارغا تۆلەپ قايتۇرىشى لازىم. جاۋاپكارلارنىڭ سوتتىكى جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى، زىياننىڭ ئەسلىگە كىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى جازا ئۆلچىگەندە پەرىقلەندۈرۈپ جازا بىرىش كىرەك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 25-ماددا، 77-ماددا 1-تارماق، 69-ماددا، 52- ماددا، « ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكىرىتنى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ 1-ماددا 1-تارماقنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى :

1. جاۋابكار قxxنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە مۇددەتلىك ئون ئايلىق قاماق جازاسى، قوشۇمچە 3000 يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىلگىرىكى ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۇچۇن ھۆكۇم قىلىنغان مۇددەتلىك بىر يىل تۆت ئايلىق قاماق جازاسى، قوشۇمچە 2000 يۇەن جەرىمانە قويۇش جازاسىنى قوشۇپ، ئەمىلىي ئىجرا قىلنىدىغان جازا مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى، قوشۇمچە 5000 يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۈم قىلىندى.

جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۇندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ؛ ھۆكۇم ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان بولسا ئالدىن قاماپ تۇرۇلغان بىر كۇن جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۇنىگە سۇندۇرلۇپ ھىساپلىنىدۇ. يەنى جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى 2016- يىلى 7- ئاينىڭ 14- كۇنى باشلىنىپ، 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۇنى ئاخىرلىشىدۇ.

2.جاۋاپكار ئەxxنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە مۇددەتلىك ئون ئايلىق قاماق جازاسى، قوشۇمچە 3000 يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىلگىرىكى ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۇچۇن ھۆكۇم قىلىنغان مۇددەتلىك بىر يىل بىر ئايلىق قاماق جازاسى، قوشۇمچە 2000 يۇەن جەرىمانە قويۇش جازاسىنى قوشۇپ، ئەمىلىي ئىجرا قىلنىدىغان جازا مۇددەتلىك بىر يىل ئون ئايلىق قاماق جازاسى، قوشۇمچە 5000 يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۈم قىلىندى.

جاۋاپكار ئەxxنىڭ جازا مۇددىتى 2016- يىلى 7- ئاينىڭ 14- كۇنى باشلىنىپ، 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۇنى ئاخىرلىشىدۇ.

3.جاۋاپكارلار ئوغۇرلاپ ئەسلىگە كەلمىگەن 4670 يۇەن زىياننى زىيانلانغۇچى خى يا شۇەنگە 2240 يۇەن، ئايشەمگۇل ئۇرايىمگە 385 يۇەن، ۋۇزۇ چۇنگە 660 يۇەن، دۇ گەىڭ لەنگە 385 يۇەن، تۇقىز ئىسلامغا 1000 يۇەن تۆلەپ قايتۇرىدۇ.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز ( ئىتىراز ) بېرىشكە بولىدۇ. يازما نارازىلىق ئەرز ( ئىتىراز ) بەرگەندە نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر نۇسخا، كۆچۈرمىسىدىن 5 نۇسخا تاپشۇرۇش كېرەك.

سوتچى بۇخلىچەم تۇرسۇن

 

2016- يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى

پۈتۈكچى نۇرئىلى داۋۇت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆疏勒县法院网

关闭窗口

地址:   邮编:  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 2668911 位访客