添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
当前位置: 维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 3122 ج د 210-نۇمۇرلۇق

2016-12-27 16:42:29


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

     (2016) ش 3122 ج د 210-نۇمۇرلۇق

ئەيىبلىگۈچى ئورگان يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋابكار رxx، ئايال، ئۇيغۇر، 1990-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. ئاممىۋى، دىھقان. نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: ئاتۇش شەھىرى ، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: يېڭىشەھەر ناھىيە مىڭدۇ ئولتۇراق رايون ، سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۇرۇپ قويۇش جىنايتى گۇمانى بىلەن 2016-يىلى6 -ئاينىڭ 7-كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختىتۇلۇپ، 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىنچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر يېڭشەھەر ناھيىلىك قاماقخاندا قاماقلىق.

ئاقلىغۇچى ناسىرجان ئىبراھىم، ئەر، ئۇيغۇر، شىنجاڭ فاخىڭ ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى (2016) 177-نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى بىلەن جاۋاپكار رxxنىڭ سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۇرۇپ قويۇش جىنايى دىلوسىنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە كىڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ رەسمى ئوچۇق سوت قىلدى. يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەتپىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى دىلنار يارمەمەت، سەيپۇللا ھەسەن سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى. جاۋاپكار رەيھانگۇل سەمەت ۋە ئاقلىغۇچى ناسىرجان ئىبراھىم سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى. بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەتىگەن سائەت يەتتە ئەتىراپىدا قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر مەمەتئىمىنھاجى ئوسمان قىزى مەستۇرە مەمتىمىن ھاجىنى يېڭىشەھەر ناھىيە «مىڭدۇ» ئولتۇراق رايون 17-بىنا 1-كورپۇس 602-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇردىغان بالا باققۇچى رxxنىڭ ئۆيىگە ئەكىرىپ بېرىىش ئۇچۇن مىڭىپ، بىنا ئىچىدە ئەخلەت تۆكۈش ئۈچۈن چۈشىۋاتقان جاۋاپكار رxx بىلەن ئۇچۇرىشۇپ قىلىپ، قىزىنى جاۋاپكارغا تاپشۇرۇپ خىزمەت ئورنىغا كەتكەن. جاۋاپكار رxx مەستۇرە مەمتىمىنھاجىنى ئوڭ قولىدا، يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى تال ئۆينىڭ ئاچقۇچى، سۇلياۋ خالتىغا ئېلىنغان بىر تال نان، كىچىك سومكىنى سول قولىدا كۆتۈرۈپ ئۆينىڭ ئىشكىنى ئېچىپ سول قولىدىكى نەرسىلەرنى يەرگە قۇيۇپ تۇرۇشىغا ئۆلگۈچى مەستۇرە مەمتىمىنھاجى ئوڭ قولىدىن يەرگە باشچىلاپ چۈشۈپ كىتىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە 12-دوختۇرخانىسىغا ئىلىپ بىرلىپ، جىددى قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي 4 كۇندىن كىيىن قازا قىلغان. جاۋاپكار رxxنىڭ قىلمىشىدىن سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۇرۇپ قويۇش جخنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋاپكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 233-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جازا بىرلىشى لازىم دەپ ئەيىبلىدى.

ئەيىپلىگۇچى ئورگان ئەيىبنامىدە بىكىتىلگەن پاكىتلارغا قارتا، جاۋاپكار رxx ۋە قازا قىلغۇچى مەستۇرە مەمەتئىمىنھاجىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى؛ ئاماننىسا مىجىتنىڭ دىلو مەلۇماتى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 05201606107-نۇمۇرلۇق قوبۇل قىلىنغان جىنايى ئىشلار دىلوسىنى تىزىملاش جەدۋىلى ۋە (2016) 145- نۇمۇرلۇق دىلو ئىچىش قارارنامىسى؛ يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دىلو پاش قىلىش دوكلاتى؛ يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 168-نۇمۇرلۇق توختۇتۇپ قويۇش گۇۋاھنامىسى ۋە (2016)215-نۇمۇرلۇق قولغا ئىلىش گۇۋاھنامىسى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرلۇق ئىشخانىسىنىڭ (2016) 003-نومۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈپ باھالاش بېكىتىشنامىسى ۋە (2016) 048- نۇمۇرلۇق باھالاش خۇلاسىسىنى ئۇقتۇرۇش قىلىشنامىسى؛ جاۋاپكار رەيھانگۇل سەمەتتىن ئىلىنغان سوراق خاتىرسى؛ گۇۋاھچى ئاماننىسا مىجىتتىن ئىلىپ بىرىلغان سۆھبەت خاتىرسى؛ قۇرۇقلۇق ئارمىيە 12-دوىتۇرخانىسىنىڭ دىئاگۇنۇز ئىسپاتى ۋە بالنىستا يىتىپ داۋالانغانلاردىن ھەق ئىلىش تالۇنى؛ نەخ مەيدان خاتىرىسى خەرىتىسى، نەخ مەيدان ۋە جەسەتنىڭ سۈرىتى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپشۇردى.

جاۋاپكار رxx ئەيىبنامىدە بىكىتىلگەن پاكىتلارنىڭ ھەممىسى راسىت دەپ جىنايىتىنى تولۇق ئىقرار قىلدى.

ئاقلىغۇچى سوتتا جاۋاپكارنى ئاقلاپ، ھادىسە يۇز بەرگەندىن كىيىن، قازا قىلغۇچىنىڭ ئانىسى قازا قىلغۇچىنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىپ، دوختۇرلارنىڭ دىئاگۇنۇزىغا ئاساسەن قىزى مەستۇرەنىڭ مىڭىسىنىڭ زەخمىلەنگەنلىگىنى بىلىپ، ج خ ئىدارىسىغا دىلو مەلۇم قىلغان. خەلق ساقچىللىرى جاۋاپكارغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشتىن بۇرۇن، جاۋاپكاردىن دوختۇرخانىدا گەپ سورىغاندا، جاۋاپكار جىنايىتىنى تولۇق ئىقرار قىلغان. شۇڭا جاۋاپكارنى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ قاراپ، يىنىك جازا بىرىلسە دىدى.

ئاقلىغۇچى سوتقا دەلىل-ئىسپات تاپشۇرمىدى.

سوت قىلىپ ئىنىقلىشىمىزچە، 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەتىگەن سائەت يەتتە ئەتىراپىدا قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر مەمەتئىمىنھاجى ئوسمان 11 ئايلىق بولغان قىزى مەستۇرە مەمتىمىن ھاجىنى يېڭىشەھەر ناھىيە «مىڭدۇ» ئولتۇراق رايون 17-بىنا 1-كورپۇس 602-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇردىغان بالا باققۇچى رxxنىڭ ئۆيىگە ئەكىرىپ بېرىىش ئۇچۇن مىڭىپ، بىنا ئىچىدە ئەخلەت تۆكۈش ئۈچۈن چۈشىۋاتقان جاۋاپكار رەيھانگۇل سەمەت بىلەن ئۇچقۇشۇپ قالغان. مەمتىمىنھاجى ئوسمان قىزى مەستۇرە مەمتىمىن ھاجىنى جاۋاپكا رxxكە تاپشۇرۇپ بىرىپ خىزمەت ئورنىغا كەتكەن. جاۋاپكار رەيھانگۇل سەمەت مەستۇرە مەمتىمىن ھاجىنى كۆتۈرۈپ «مىڭدۇ» ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىدىن بىر تال نان سىتىۋىلىپ، ئۆلگۈچى مەستۇرە مەمتىمىن ھاجىنى ئوڭ قولىدا، يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى تال ئۆينىڭ ئاچقۇچى، سۇلياۋ خالتىغا ئېلىنغان بىر تال نان، كىچىك سومكىنى سول قولىدا كۆتۈرۈپ «مىڭدۇ» ئولتۇراق رايون 17-بىنا 1-كورپۇس 602-نۇمۇرلۇق ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۆينىڭ ئىشكىنى ئېچىپ سول قولىدىكى نەرسىلەرنى يەرگە قۇيۇپ تۇرۇشىغا ئۆلگۈچى مەستۇرە مەمتىمىنھاجى ئوڭ قولىدىن يەرگە باشچىلاپ چۈشۈپ كىتىپ، يىغلاپلا ھۇشىدىن كەتكەن. جاۋاپكار رxx مەستۇرە مەمەتئىمىننىڭ ئانىسى ئاماننىسا مىجىتكە تىلىفۇن قىلىپ، ‹مەستۇرە يىغلاپ كىىتىپ ھۇشىدىن كەتتى› دىگەندە، ئاماننىسا مىجىت جاۋاپكارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ قىزى مەستۇرەنى، دەرھال قۇرۇقلۇق ئارمىيە 12-دوختۇرخانىسىغا ئىلىپ بارغان بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي مەستۇرە مەمەتئىمىنھاجى 4 كۇندىن كىيىن قازا قىلغان. مەستۇرە مەمەتئىمىنھاجىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى 23831.50 يۇەن بولغان.

قازا قىلغۇچى مەستۇرە مەمەتئىمىننىڭ ئانىسى ئاماننىسا مىجىتنىڭ دىلو مەلۇماتىغا ئاساسەن دىلو مەلۇم قىلىشى بىلەن خەلق ساقچىللىرى دوختۇرخانىدا جاۋاپكاردىن گگپ سورىغاندا جاۋاپكار جىنايىتىنى ئىقرار قىلغاندىن كىيىن دەلىل-ئىسپات توپلاپ دىلونى پاش بولغان.

يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 03-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە جەسەت تەكشۇرۇش دوكلاتىدا ‹قازا قىلغۇچى مەستۇرە مەمەتئىمىنھاجىنىڭ بىشىنىڭ سول تەرەپ قاتتىق پەردە ئاستى قانلىق ئىششىغان، سول تەرەپ مىڭىسى ئولتۇرشۇپ يىرلىپ زەخمىلەنگەن، سول تەرەپ بويۇن ياستۇقلۇق قىسمى سۆڭىگى سۇنۇپ، مىڭىسى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ ئۆلگەن» دەپ باھالاپ بېكىتكەن.

جاۋاپكار رەيھانگۇل سەمەت 2016-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ئۆلگۈچى مەستۇرە مەمتىمىنھاجنى ئايلىقىغا 600 يۈەن ئېلىپ باققان. جاۋاپكار قامالغاندىن كىيىن جاۋاپكارنىڭ تۇققانلىرى قازا قىلغۇچى مەستۇرە مەمەتئىمىنھاجىنىڭ دەپنە خىراجىتى ئۇچۇن قازا قىلغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا 15000 يۇەن تۆلەپ بەرگەن.

قازا قىلغۇچى مەستۇرە مەمەتئىمىنھاجىنىڭ ئاتا-ئانىسى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلغان بولۇپ، دىلونىڭ قوشۇمچە ھەق تەلەپ قىسمىنى مۇرەسسەگە يېتەكلىگىنىمىزدە، تەرەپلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جاۋاپكار رەيھانگۇل سەمەت قازا قىلغۇچى مەستۇرە مەمەتئىمىھاجىنىڭ داۋالىنىش، دەپنە خىراجىتى، ئۆلەم تۆلىمى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەرلەرنىڭ قازا قىلغۇچىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش ۋە مىيىتنى ئۇزتۇش جەريانىدىكى ئىشتىن قالغان ھەققى، قاتناش خىراجىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بارلىق ئىختىسادىي زىيىنى ئۇچۇن 110000 يۇەن تۆلەپ بىرىغان بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۆلەپ بەرگەن 15000 يۇەننى چىقىرۋەتكەندە قالغان 95000 يۇەدىن 85000 يۇەننى سوت ئۇستىدە نەخ بەردى. قالغان 10000 يۇەننى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى جاۋاپكار داۋۇتجان ھامۇت (جاۋاپكارنىڭ يولدىشى) ئۆزى ئىختىيار قىلىپ جاۋاپكار رەيھانگۇل سەمەت بىلەن چاتما تۆلەم جاۋاپكارلىغىنى ئۇستىگە ئىلىپ، 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۇنىدىن بۇرۇن قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر مەمەتئىمىنھاجى ئوسمان، ئاماننىسا مىجىتلەرگە تۆلەپ بىرىدىغان. قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر مەمەتئىمىنھاجى ئوسمان، ئاماننىسا مىجىتلەر قالغان بارلىق دەۋا تەلىۋىدىن كىچىدىغان؛ قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر مەمەتئىمىنھاجى ئوسمان، ئاماننىسا مىجىتلەر جاۋاپكار رەيھانگۇل سەمەتنىڭ جىنايىتىنى كەچۇرىدىغان بولۇپ كىلىشىم ھاسىل قىلغانلىغى ئۇچۇن بۇ ھەقتە ئايرىم مۇرەسسەنامە تارقىتىلدى.

يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشىمىزنىڭ ئاساسى:

1. يازما ئىسپات: (1) جاۋاپكار رەيھانگۇل سەمەت، قازاز قىلغۇچى مەستۇرە مەمەتئىمىنھاجىنىڭ نوپۇس ئۇچۇرى: جاۋاپكار ۋە زىيانلانغۇچىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى، نوپۇس ئايرىمىسى، ۋە ئادرىسىنى ئىسپاتلايدۇ. (2) ئاماننىسا مىجىتنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك (2016) 05201606107-نۇمۇرلۇق قوبۇل قىلىنغان جىنايى ئىشلار دىلوسىنى تىزىملاش جەدۋىلى: بۇ دىلونى قازاز قىلغۇچى مەستۇرە مەمەتئىمىنھاجىنىڭ ئانىسى ئاماننىسا مىجىتنىڭ مەلۇم قىلغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ؛ (3) يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ۋە (2016) 145- نۇمۇرلۇق دىلو ئىچىش قارارنامىسى: بۇ دىلوغا 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۇنى دىلو ئىچىلغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ؛(4) يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دىلو پاش قىلىش دوكلاتى؛ يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 168-نۇمۇرلۇق توختۇتۇپ قويۇش گۇۋاھنامىسى ۋە (2016)215-نۇمۇرلۇق قولغا ئىلىش گۇۋاھنامىسى: جاۋاپكارغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغان ۋاقىتنى يەنى قانۇن بويىچە توختۇتۇلغان ۋە قولغا ئىلىنغان ۋاقىتنى ئىسپاتلايدۇ. (5) يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دىلو پاش قىلىش دوكىلاتى: قازا قىلغۇچى مەستۇرە مەمەتئىمىننىڭ ئانىسى ئاماننىسا مىجىتنىڭ دىلو مەلۇماتىغا ئاساسەن دىلو مەلۇم قىلىشى بىلەن خەلق ساقچىللىرى دوختۇرخانىدا جاۋاپكاردىن گگپ سورىغاندا جاۋاپكار جىنايىتىنى ئىقرار قىلغاندىن كىيىن دەلىل-ئىسپات توپلاپ دىلونى پاش قىلغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ؛ (6) يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 048- نۇمۇرلۇق باھالاش خۇلاسىسىنى ئۇقتۇرۇش قىلىشنامىسى: قازاز قىلغۇچى مەستۇرە مەمەتئىمىنھاجىنىڭ ئۆلەم سەۋەبى جاۋاپكارغا ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ؛ (7) قۇرۇقلۇق ئارمىيە 12-دوىتۇرخانىسىنىڭ دىئاگۇنۇز ئىسپاتى ۋە بالنىستا يىتىپ داۋالانغانلاردىن ھەق ئىلىش تالۇنى: قازا قىلغۇچى مەستۇرە مەمەتئىمىنھاجىنىڭ زەخمىلنىش ئەھۋالى ۋە جىددى قۇتقۇزۇش خىراجىتى قاتارلىقلارنى ئىسپاتلايدۇ؛ (8) مەھكىمىمىزنىڭ (2016) ش 3122 210-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلارت قوشۇمچە ھەق تەلەپ مۇرەسسەنامىسى: دىلونىڭ قوشۇمچە ھەق تەلەپ قىسمىنىڭ مۇرەسسەگە كەلگەنلىگى، جاۋاپكارنىڭ قازا قىلغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قانچە پۇل تۆلەپ بەرگەنلىگى ھەمدە قازا قىلغۇچى تەرەپنىڭ كەچۇرىشىگە ئىرىشكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.

3. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى ئاماننىسا مىجىتتىن ئىلىنغان سۆھبەت خاتىرسى: جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە دىلونىڭ يۇز بىرىش جەريانىغا ماس كىلىدۇ.

4. باھالاش خۇلاسىسى: يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرلۇق ئىشخانىسىنىڭ (2016) 03-نومۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈپ باھالاش بېكىتىشنامىسى: قازا قىلغۇچى مەستۇرە مەمەتئىمىنھاجىنىڭ بىشىنىڭ سول تەرەپ قاتتىق پەردە ئاستى قانلىق ئىششىغان، سول تەرەپ مىڭىسى ئولتۇرشۇپ يىرلىپ زەخمىلەنگەن، سول تەرەپ بويۇن ياستۇقلۇق قىسمى سۆڭىگى سۇنۇپ، مىڭىسى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ ئۆلگەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ؛

5. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى: جاۋاپكار رەيھانگۇل سەمەتنىڭ سوراق خاتىرىلىرى ۋە سوتتىكى ئىقرارى: دىلونىڭ يۇز بىرىش جەرياننى ئىسپاتلايدۇ.

6. ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى: نەخ مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى، خەرىتىسى ۋە سۈرىتى؛ تونۇشۇش خاتىرسى: جاۋاپكار دىلو سادىر قىلغان نەخ مەيداننىڭ ئورنى، ھالىتىنى ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار ئوبىكتىپ، باغلىنىشلىق، قانۇنلۇق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانلىقى ھەمدە مۇكەممەل دەلىل-ئىسپاتلار سىستىمىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن مەھكىمىمىز تەرپىدىن ئىتراپ قىلىپ بىكتىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى، جاۋابكار رxx قورامىغا يەتمىگەن بالىلارنى بىقىش جەريانىدا، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلماي بىپەرۋالىق قىلىش سەۋەپلىك قولىدا كۆتۇرۇپ تۇرغان بالا قولىدىن چۇشۇپ كىتىپ، ئىغىر زەخمىلىنىپ قوتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي ئۆلتۇرۇپ قويۇپ، مەستۇرە مەمەتئىمىنھاجىنى ھاياتىدىن مەھرۇم قىلغان قىلمىشىدىن سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۇرۇپ قويۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىبلىگۇچى ئورگان ئەيىپلىگەن پاكىت جىنايەتكە توشىدۇ. ئەيبلىگۇچى ئورگاننىڭ جىنايەت نامىنى بېكىتىشى ۋە قانۇن ماددىللىرىنى تەدبىقلىشى توغرا بولغان، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە جازالاش لازىم. جاۋاپكارنىڭ جىنايى قىلمىشى ئادەم ئۆلتۇرۇپ قويۇشتەك ئىغىر ئاقىۋەتنى كەلتۇرۇپ چىقارغان بولسىمۇ، جاۋاپكار بىپەرۋالىق قىلىپ، بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ئالدىن بايقىۋالالمىغان. جاۋاپكار تۇنجى قىتىم سوتلۇق بولغان، سوتتىكى جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار، قازا قىلغۇچىنىڭ زور كۆپ قىسىم ئىىتىزادىي زىيىننى تۆلەپ بىرىپ ئۇلارنىڭ كەچۇرىشىگە ئىرىشكەن. ئاقلىغۇچىنىڭ جاۋاپكارنى ئاقلاپ، ‹جاۋاپكارنى ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلار قاتارىدا ھىساپلاشقا بولىدۇ› دىگەن ئاقلاش پىكىرىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى بار، قوللاشقا بولىدۇ. چۇنكى خەلق ساقچىللىرى دوختۇرخانىدا جاۋاپكارنىڭ ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى سۇرۇشتۇرگەندە، مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشتىن بۇرۇن جخنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. بۇ تەرەپلەرنى جازا ئۆلچىگەندە پەرىقلەندۇرۇش لازىم دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 233-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق، 72-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۇم قىلىندى.

  جاۋابكار رxxنىڭ سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۇرۇپ قويۇش جىنايىتىگە مۇددەتلىك ئۇچ يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ ئۇچ يىل ئالتە ئاي كىچىكتۇرۇشكە ھۆكۇم قىلىندى.

  جازا كىچىكتۇرۇپ سىناش مۇددىتى ھۆكۈم بىكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ. يەنى جاۋاپكارنىڭ جازا كىچىكتۇرۇپ سىناش مۇددىتى 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۇنى باشلىنىپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۇنى ئاخىرلىشىدۇ.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بېرىشكە بولىدۇ. يازما نارازىلىق ئەرز بەرگەندە نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر نۇسخا، كۆچۈرمىسىدىن 8 نۇسخا تاپشۇرۇش كېرەك

باش سوتچى بۇخلىچەم تۇرسۇن

مۇۋاققەت سوتچى ئابلىكىم ئابدىكىرىم

خەلق زاستاتىلى پاتىگۇل روزى

   2016-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى

پۈتۈكچى نۇرئىلى داۋۇت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆疏勒县法院网

关闭窗口

地址:   邮编:  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 2668912 位访客