添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
当前位置: 维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 3122 ج د 190-نومۇرلۇق

2016-12-14 17:09:57


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

                                    

(2016) ش 3122 ج د 190-نومۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان يېڭىشەھەر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋابكار ماxx، ئەر، خۇيزۇ، 1966-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغان، ساۋاتسىز، ئاممىۋى، دىھقان، قوشۇمچە شوپۇر، (A2تىپلىق ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش شوپۇرلۇق پىراۋىسى بار). يېڭىشەھەر ناھىيە يىڭشەھەر بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن. يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋابكارنى سىرىتتا قويۇپ ئەيبلىگەن. ھازىر ئائىلىسىدە.

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى (2016) 156-نومۇرلۇق ئەيىبنامىسى بىلەن جاۋابكار ماxxنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايى دىلوسىنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىپ، تەنھا ئوچۇق سوت قىلدى. يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى سەيپۇللا ھەسەن، مۇۋاققەت تەپتىش ئايگۇل مىجىتلەر سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى. جاۋابكار ماxx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى. بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

يېڭىشەھەر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جاۋابكار ماxx 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى بىيجىڭ ۋاختى سائەت 20:10 ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ 新QH0097 نۇمۇرلۇق «جىيالىڭ» ماركىلق يىنىك تىپتىكى يۈك ماشىنىسىنى مەس ھالەتتە ھەيدەپ يېڭشەھەر ناھىيە دەرۋازا ئالدى تەرەپتىن يىڭشەھەر ناھىيە كەسكەن يار يولى يۆنىلىشكە مىڭىپ «زىجۇ» ئولتۇراق رايونى 2-قۇرلۇش ئولتۇراق بىناسىنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، يول بويىدا گاۋۋىي توختۇتۇپ قويغان 新NX9505 نومۇرلۇق داجوڭ ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسى بىلەن سوقۇلۇپ، ئىككى تەرەپ قاتناش ۋاستىللىرنىڭ ئوخشىمىغان دەرجىدە بۇزۇلشىدەك يول قاتناش ھادىسسىنى سادىر قىلغان. بۇ دىلو يىڭشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ قاتناش ھادىسلىرنى بىر تەرەپ قىلىش ئورنىنىڭ خادىملىرى تەرپىدىن بايقىلىپ، قانۇن بويىچە جاۋابكاردىن گەپ سوراش ۋە جاۋابكارنىڭ قىننى ئىلىپ تەكشۇرۇش قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاش ئارقىلىق پاش بولغان.

شىنجاڭ جىنلۇ ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2016)0044-نۇمۇرلق قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى ئۆلچەش دوكىلاتىدا: « مەزكۇرنىڭ قىنى تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml141.4» دەپ بىكىتكەن. يىڭشەھەر ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ 6531225201600774-نومۇرلۇق قاتناش ھادىسسى ئىتىراپنامىسىدا «جاۋابكار ما چىڭ لىيەن بۇ قىتىمقى قاتناش ھادىسسنىڭ ئاساسلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ھەيدىگۈچى گاۋۋىي بۇ قىتىمقى ھادىسسنىڭ قوشۇمچە جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ بىكىتكەن. ھادىسە يۈز بەرگەندىن كىيىن جاۋابكار ما چىڭ لىيەن قارشى تەرەپنىڭ كىلىپ چىققان زىينىنى تولۇق تۆلەپ بەرگەن. جاۋابكار ماxxگە خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىنى بىكىتىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىنىڭ تارماقىدىكى بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جازا بىرىش زۆرۈر» دەپ مەھكىمىزگە ئەيىپلىدى.

جاۋابكار ماxx «ئەيىپلەشنامىدە بىكىتىلگەن پاكىتلارنىڭ ھەممىسى راست » دەپ ئىتىراپ قىلىپ، ئەيپلەشنامىدە بىكىتىلگەن پاكىتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويمىدى.

يۇقارقى پاكىتلارنى يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 070145-نومۇرلۇق قوبۇل قىلىنغان جىنايى ئىشلار دىلوسىنى تىزىملاش جەدۋىلى ۋە (2016) 215-نومۇرلۇق دىلو ئىچىش قارارنامىسى؛ يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ دېلو پاش قىلىش دوكلاتى؛ جاۋابكارنىڭ نوپۇس ئىسپاتى ۋە پىراۋا توغرىسىدىكى ئۇچۇر؛ يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 0347-نومۇرلۇق تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىش قارارنامىسى؛ جاۋابكار ماxxدىن ئىلىنغان گەپ سوراش خاتىرسى ۋە سوراق خاتىرلىرى؛ شىنجاڭ جىنلۇ ئەدىلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ  (2016) 44-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى ئۆلچەش دوكلاتى، يىڭشەھەر ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ 6531225201600774-نومۇرلۇق قاتناش ھادىسسى ئىتىراپنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلانغانلىغى ئۈچۈن مەھكىمىز تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىپ بېكىتىلدى.

مەھكىمىمز مۇنداق قارىدى، جاۋابكار ماxx دۆلەتنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ھەيدەش مەنئى قىلىنىدۇ دىگەن بەلگىلمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ھەيدىگەن قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيبلىگۇچى ئورگاننىڭ دىلو خاراكتىرىنى بىكىتىشى، قانۇن ماددىلىرىنى تەتبىقلىشى توغرا بولغان. ئەيىپلىگەن پاكىت جىنايەتكە توشىدۇ. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە جازالاش لازىم. جاۋابكار مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ ھادىسە سادىر قىلىپ ئىختىسادىي زىيان كەلتۇرۇپ چىقارغان بولسىمۇ، ئادەم يارلىشىنى ياكى ئۆلۇشتەك ئىغىر ئاقىۋەت كىلىپ چىقمىغان. جاۋابكار تۇنجى قىتىم سوتلۇق بولغان. سوتتىكى جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار، بۇ تەرەپلەرنى پەرىقلەندۇرۇپ يىنىك جازا بىرىشكە بولىدۇ دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىنىڭ تارماقى، 52-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

جاۋابكار ماxxگە خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىنى بىكىتىپ ئۇچ ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى، قوشۇمچە 1000 يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇش جازاسى ھۆكۇم قىلىندى.

جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ؛ ھۆكۇم ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان بولسا ئالدىن قاماپ تۇرۇلغان بىر كۈن جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۈنىگە سۇندۇرلۇپ ھىساپلىنىدۇ. يەنى جاۋابكار ماxxنىڭ جازا مۇددىتى 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۇنى باشلىنىپ، 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز (ئىتىراز ) بېرىشكە بولىدۇ. يازما نارازىلىق ئەرىز (ئىتىراز) بەرگەندە نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر نۇسخا، كۆچۈرمىسىدىن 5 نۇسخا تاپشۇرۇش كېرەك.

مۇۋەققەت سوتچـى نـۇرئىلـى داۋۇت

2016-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى

پـۈتۈكچــى ئـالىمجان ئـابدىرشىت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆疏勒县法院网

关闭窗口

教育整顿举报电话:0998-6539502 书记信箱地址:slxfy_shuji@163.com 院长信箱地址:slxfy_yuanzhang@163.com  

Copyright© 2024 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 10453216 位访客