添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
当前位置: 维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 3122 ج د 141-نومۇرلۇق

2016-08-29 16:51:49


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

                (2016) ش 3122 ج د 141-نومۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋابكار ئىxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1994-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغۇلغان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ئاممىۋى، دىھقان، قوشۇمچە يەككە سودا-سانائەتچى. قولىدا C1 تىپلىق ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش پىراۋىسى بار) يىڭىشەھەر ناھىيە ئەرمىدۇن يىزا دۆڭ مەھەللە كەنت 2-مەھەللە 048-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان. قاتناش ھادىسسى جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى يىڭشەھەر ناھىيىلك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن، يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋاپكارنى سىرىتتا قويۇپ ئەيىپلىگەن. ھازىر ئائىلىسىدە.

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى (2016) 109-نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى بىلەن جاۋاپكار ئىxxنىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايى دىلوسىنى 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپنى قوللۇنۇپ رەسمىي ئوچۇق سوت قىلدى. يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى ئەخمەتجان بەختى، مۇۋاققەت تەپتىش ئادىلجان ئابابەكرى سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى. جاۋاپكار ئىxx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى. بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جاۋبكار ئىxx 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:00 ئەتراپىدا، جۇمە ئەمەتنىڭ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك يولوچى توشۇش شىركىتى نامىدا تىزىمغا ئالدۇرغان 新QR0071 نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى مىنبوس ماشىنىنى، يىڭىشەھەر ناھىيە ئەرمىدۇق يىزىسىدىن يىڭىشەھەر ناھىيە ياپچان بازىرىغا (جەنۇپتىن-شىمالغا) قاراپ ھەيدەپ مىڭىپ ، يىڭىشەھەر ناھىيە ياپچان بازىرى 4-كەنىت 1-مەھەللە يول بۆلىكىگە كەلگەندە، يول بويىدا تۇرغان مەخمۇت ئابدۇكىرىم بىلەن سوقۇلۇپ ، مەخمۇت ئابدۇكىرىم ئىغىر زەخمىلىنىپ، جاۋاپكار تەرىپىدىن دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىلغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي قازا قىلغان.

ھادىسە يۇز بەرگەندىن كىيىن ھادىسە يۇز بەرگەندىن كىيىن، جاۋاپكار ئىxx تىلىفۇن ئارقىلىق 122 قاتناش ھادىسىسى دىلو مەلۇم قىلىش مەخسۇس تىلىفۇنىغا دىلو مەلۇم قىلغاندىن كىيىن ، قاتناش ساقچىلىرى نەق مەيدانغا كىلىپ جاۋاپكاردىن گەپ سوراپ، دەلىل-ئىسپات توپلاپ دىلو پاش بولغان .

شىنجاڭ جىلۇ ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2015) 1183-نۇمۇرلۇق ئەدلىيلىك باھالاشنامىسىدە: «1. 新QR0071نۇمۇرلۇق ماشىنىنىڭ ھادىسە يۇز بەرگەن ۋاقىتتىكى سۇرئىتى : 52km/h . 2. قاتناش ھادىسىىسنىڭ ئۇچۇرۇشىش نوقتىسى (1) شەرق-غەرپ يۆلىنىشى : شەرق تەرەپتىكى يول قىرى بىلەن بولغان ئارلىق 2m-2.3m . (2) جەنۇپ-شىمال يۆلىنىشى: شىمال تەرەپتىكى پىيادە سوقۇلغاندىن كىيىن شەكىللەنگەن سۆرەلگەن ئىزىغىچە بولغان ئارىلىق 5.2m-5.7m .» دەپ بىكىتىلگەن .

يىڭىشەھەر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2016) 1-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمىي بويىچە جەسەت تەكشۇرۇش دوكلاتىدا :«ئۆلگۇچى مەخمۇت ئابدۇكىرىم ھايات ۋاقتىدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن باش سۆڭىكى سۇنۇپ، كۆپ مەنبەلىك قوۋۇرغا سۆڭىكى سۇنۇپ، نەتىجىدە مىڭە ۋە كۆكرەك بوشلۇقىدىكى ئەزالار ئىغىر دەرىجىدە زەخمىلەنگەنلىكتىن ئۆلگەن» دەپ بىكىتىلگەن .

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ 6531225201501334-نومۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدە: «1. ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگۇچى ئىxx بۇ ھادىسىسىنىڭ ئاساسلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ 2. پىيادە يول يۇرگۇچى مەخمۇت ئابدۇكىرىم بۇ ھادىسىسىنىڭ قوشۇمچە جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.» دەپ بېكىتلگەن.

ھادىسىدىن كىيىن جاۋبكار ۋە سۇغۇرتا شىركىتى قازا قىلغۇچى تەرەپنىڭ بارلىق ئىختىزادىي زىيىنى ئۇچۇن 175522 يۇەن تۆلەپ بەرگەن. قازا قىلغۇچىنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنىتلىرى جاۋاپكار ئۇستىدىن باشقا دەۋاسىنىڭ يوقلىغى، جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى كەچۇرىدىغانلىغى ھەققىدە يىزىقچە ھۆججەت يىزىپ بەرگەن. جاۋاپكارنىڭ قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسسى جخنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋاپكارغا قاتناش ھادىسى جىنايىتىنى بىكىتىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-67-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جازا بىرلىشى لازىم دەپ ئەيىبلىدى.

جاۋاپكارئىxx ئەيىبنامىدىكى بارلىق پاكىتلارنى تولۇق ئىتىراپ قىلىپ، ئەيىبنامىدە بىكىتىلگەن پاكىتلارغا قارتا ئۆزىنىڭ باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويمىدى. يۇقارقى پاكىتلارنىئىxxنىڭ دىلو مەلۇماتى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ دىلو پاش قىلىش دوكلاتى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 0701009-نومۇرلۇق قوبۇل قىلىنغان جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى تىزىملاش جەدۋىلى ۋە (2016) 37-نومۇرلۇق دىلو ئىچىش قارارنامىسى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ قىلىنغان ماددى بۇيۇملار تىزىملىگى؛ جاۋاپكارئىxxنىڭ كىملىك ئىسپاتى ۋە پىراۋىسى توغرىسىدا ئۇچۇر؛ ھادىسە سادىر بولغان 新QR0071 نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى مىنبوس ماشىنا توغرىسىدا ئۇچۇر؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 16-نومۇرلۇق تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىش قارارنامىسى؛ قازا قىلغۇچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى؛ جاۋاپكار ئىxxدىن ئىلىنغان گەپ سوراش خاتىرسى ۋە سوراق خاتىرلىرى؛ گۇۋاھچى جۇمە ئەمەت، ئۇرايىم باھاۋۇدۇندىن ئىلىنغان سۆھبەت خاتىرسى؛ يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرلۇق ئىشخانىسنىڭ (2016) 1-نومۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە جەسەت تەكشۈرۈش دوكىلاتى؛ شىنجاڭ جىن لۇ ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2015) 1183-نۇمۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاش پىكىرى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ 6531225201501334-نومۇرلۇق قاتناش ھادىسسى ئىتىراپنامىسى ؛ نەخ مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى، خەرىتىسى، نەخ مەيدان ۋە جەسەتنىڭ سۇرىتى؛ يىڭىشەھەر ناھىيە يول قاتناش ھادىسسى ماجرالىرى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ (2016) 065-نۇمۇرلۇق خەلق مۇرەسسە كىلىشىمى؛ قازا قىلغۇچىنىڭ ئايالى تۇخان ھىزىمنىڭ نەخ پۇل تاپشۇرۇپ ئىلىش ھۆججىتى ۋە باشقا دەۋاسىنىڭ يۇقلىغى جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى كەچۇرىدىغانلىغى توغرىسىدىكى ھۆججىتى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمز مۇنداق قارىدى، جاۋاپكار ئىxx ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئىگە تۇرۇپ، بىخگتەرلىككە دىققەت قىلماي، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى سۇرئەت ئاشۇرۇپ ھەيدەپ ھادىسە سادىر قىلىپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەپچى بولغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسسى جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيبلىگۇچى ئورگاننىڭ دىلو خاراكتىرىنى بىكىتىشى، قانۇن ماددىللىرىنى تەدبىقلىشى توغرا بولغان. ئەيىپلىگەن پاكىت جىنايەتكە توشىدۇ. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە جازالاش لازىم. ھادىسە سادىر بولغاندىن كىيىن، جاۋاپكار نەخ مەيداننى قوغداپ، زىيانلانغۇچىغا قارتا قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى قوللانغان. قاتناش ئەترىتىگە تىلفۇن قىلىپ دىلو مەلۇم قىلىپ، جىنايىتىنى ئەينەن تاپشۇرغان. سوتتىمۇ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، شۇڭا جاۋاپكارنى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ بىكتىشكە بولىدۇ. ھادىسىنىڭ يۇز بىرىشىدە جاۋاپكار ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. جاۋاپكار تۇنجى قىتىم سوتلۇق بولغان، سوتتىكى جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار، دىلونىڭ ئىختىسادىي تۆلەم قىسمىدا قازا قىلغۇچى تەرەپ بىلەن كىلىشىم ھاسىل قىلىپ، قازا قىلغۇچىنىڭ بارلىق ئىختىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بىرىپ، قازا قىلغۇچىنىڭ تۇققانلىرىنىڭ كەچۇرىشىگە ئىرىشكەن، بۇ تەرەپلەرنى جازا ئۆلچىگەندە پەرىقلەندۇرۇپ يىنىك جازا بىرىشكە بولىدۇ دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا، 67-ماددا، 72-ماددا، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قاتناش ۋەقەسى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكىرت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ 2-ماددا 1-تارماقنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

جاۋابكار ئىxxنىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايىتىگە مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىنى بىر يىل كىچىكتۇرۇشكە ھۆكۈم قىلىندى.

جازا كىچىكتۇرۇپ سىناش مۇددىتى ھۆكۇم بىكىتىلگەن كۇندىن باشلاپ ھقساپلىنىدۇ. يەنى جاۋاپكارنىڭ جازا كىچىكتۇرۇپ سىناش مۇددىتى 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى باشلىنىپ، 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بېرىشكە بولىدۇ. يازما نارازىلىق ئەرز بەرگەندە نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر نۇسخا، كۆچۈرمىسىدىن 7 نۇسخا تاپشۇرۇش كېرەك.

سوتچى بۇخلىچەم تۇرسۇن

         2016-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى

پۈتۈكچى  نۇرئىلى داۋۇت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆疏勒县法院网

关闭窗口

教育整顿举报电话:0998-6539502 书记信箱地址:slxfy_shuji@163.com 院长信箱地址:slxfy_yuanzhang@163.com  

Copyright© 2024 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 10452861 位访客