添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
当前位置: 维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 3122 ج د 158-نومۇرلۇق

2016-08-29 16:47:20


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

                                   

(2016) ش 3122 ج د 158-نومۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان يېڭىشەھەر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋابكار ئەxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1988-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇغۇلغان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ئاممىۋى، دىھقان، قەشقەر شەھەردە ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان. ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختۇتۇلۇپ، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئىلىنغان. ھازىر يىڭشەھەر ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى (2016) 127-نومۇرلۇق ئەيىبنامىسى بىلەن جاۋابكار ئەxxنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايى دىلوسىنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىپ، رەسمىي ئوچۇق سوت قىلدى. يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى ئەخمەتجان بەختى، مۇۋاققەت تەپتىش ئادىلجان ئابابەكرىلەر سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى. جاۋابكار ئەxx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى. بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

يېڭىشەھەر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جاۋابكار ئەxx 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۇنى ئەتىگەن سائەت 5:00 لەر ئەتراپىدا قەشقەر شەھرىدىن يىڭىشەھەر ناھىيە بارىن يىزا ئىجدىمايى پاراۋانلىق ئورنىغا كىرىپ، ئۆزى بىلەن بىللە تامچىلىق قىلغان زىيانلانغۇچى روزى ھاشىم ياتىدىغان ياتاقنىڭ ئىچىگە كىرىپ، زىيانلانغۇچى روزى ھاشىم ياتان ئىچىگە توختۇتۇپ رولىغا قۇلۇپ سالمىغان 4080 يۇەن قىممىتىدىكى ئىككى چاقلىق، ئاق رەڭلىك، خاۋجۆ ماركىلىق ئەرەنچە 新QS6997 نومۇرلۇق موتوسىكىلتنى يىتىلەپ بارىن يىزا ئىجدىمايى پاراۋانلىق ئورنىدىن چىقىپ تۇرۇشىغا، بارىن يىزا ئىجدىمايى پاراۋانلىق ئورنىنىڭ ئامانلىق خادىمى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

يىڭىشەھەر ناھىيە بارىن ئىجدىمايى پاراۋانلىق ئورنىنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرى جاۋاپكار ئەxxنى تۇتۇپ بارىن ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلغان. ج خ ئىدارىسى رازۋىتكا خادىملىرى جاۋابكار ئەxxنى سوراق قىلغاندا جاۋابكار جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ دىلو پاش بولغان.

دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ھارام مال زىيانلانغۇچىغا ئەينەن قايتۇرۇپ بېرىلگەن. جاۋابكار ئەxxگە ئوغۇرلۇق جىنايىتىنى بىكىتىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جازا بىرلىشى لازىم دەپ ئەيىپلىدى.

جاۋابكار ئەxx، ئەيىپلەشنامىدە بىكىتىلگەن پاكىتلارنىڭ ھەممىسى راسىت دەپ قىلمىشىنى تولۇق ئىقرار قىلىپ ئۆزىنىڭ باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويمىدى.

يۇقارقى پاكىتلارنى زىيانلانغۇچى روزى ھاشىمنىڭ دىلو مەلۇماتى؛ جاۋابكار ئەxxنىڭ نوپۇس ئىسپاتى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 05201604052-نومۇرلۇق قوبۇل قىلىنغان جىنايى ئىشلار دىلوسىنى تىزىملاش جەدۋىلى ۋە (2016) 68-نۇمۇرلۇق دىلو ئىچىش قارارنامىسى؛ يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 50-نۇمۇرلۇق توختۇتۇپ قويۇش گۇۋاھنامىسى؛ يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 106-نومۇرلۇق قولغا ئىلىش گۇۋاھنامىسى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ قىلىنغان ماددى بۇيۇملار تىزىملىگى شۇنداقلا قايتۇرۇلغان ماددى بۇيۇملار تىزىملىگى؛ يىڭشەھەر ناھىيىلىك باھانى نازارەت قىلىش تەكشۈرۈش ئىدارىسنىڭ 2016016-نۇمۇرلۇق دىلوغا چىتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنى؛ جاۋابكار ئەxxدىن ئىلىنغان سوراق خاتىرلىرى؛ نەخ مەيدان خاتىرسى، خەرىتىسى، نەخ مەيدان ۋە ھارام مالنىڭ سۇرىتى، زىيانلانغۇچى روزى ھاشىمدىن ئىلىنغان سۆھبەت خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلانغانلىغى ئۈچۇن مەھكىمىز تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىپ بېكىتىلدى.

مەھكىمىمز مۇنداق قارىدى: جاۋابكار ئەxx قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەخسىدىدە باشقىلارنىڭ بىر قەدەر كۆپ مىقداردىكى مال-مۇلكىنى يوشۇرۇن ئىلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىپلىگەن پاكىت جىنايەتكە توشىدۇ. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە جازالاش لازىم. جاۋابكار بىر قىتىم ئوغۇرلۇق قىلىپ شەخسىلەرنىڭ 4080 يۇەن قىممىتىدىكى مال-مۈلىكىنى ئوغۇرلىغان بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مىقدارى كۆپرەك دىگەن ئۆلچەمگە چۇشىدۇ. جاۋابكار تۇنجى قىتىم سوتلۇق بولغان، جاۋابكارنىڭ ئوغۇرلۇق قىتىم سانى بىر قىتىم، دىلو پاش قىلىنغاندىن كىيىن زىيان ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن. جاۋابكار سوتتىمۇ جىنايىتىنى تولۇق ئىقرار قىلىدۇ. شۇڭا جاۋابكارنىڭ ئوغۇرلۇق قىتىم سانى، ئوغۇرلۇق سوممىسى، ئەسلىگە كىلىش ئەھۋالى، سوتتىكى جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۇرۇپ يىنىك جازا بىرىش لازىم دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددا، 52-ماددا، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكىرىتنى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتىنىڭ 1-ماددا 1-تارماقنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

جاۋابكار ئەxxنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى، قوشۇمچە 1000 يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۇم قىلىندى؛

جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۇندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ. ھۆكۇم ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان بولسا ئالدىن قاماپ تۇرۇلغان بىر كۇن جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۇنىگە سۇندۇرلۇپ ھىساپلىنىدۇ. يەنى جاۋابكارنىڭ جازا مۇددىتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۇنى باشلىنىپ 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۇنى ئاخىرلىشىدۇ.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز ( ئىتىراز ) بېرىشكە بولىدۇ. يازما نارازىلىق ئەرز ( ئىتىراز ) بەرگەندە نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر نۇسخا، كۆچۈرمىسىدىن 5 نۇسخا تاپشۇرۇش كېرەك.

مۇۋەققەت سوتچى نۇرئىلى داۋۇت  

 

2016-يىلـى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى

پۈتۈكچى ئالىمجان ئابدىرشىت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆疏勒县法院网

关闭窗口

教育整顿举报电话:0998-6539502 书记信箱地址:slxfy_shuji@163.com 院长信箱地址:slxfy_yuanzhang@163.com  

Copyright© 2024 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 10447318 位访客