(2016) ش 3122 ج د 84-نومۇرلۇق 2016-08-04 12:35:00
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
يېڭىشەھەر ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ
جىنايى ئىشلار كېسىمنامىسى
(2016) ش 3122 ج د 84-نومۇرلۇق
بىۋاستە ئەرىز بەرگۇچى ئالىمجان ئابدىكىرىم، ئەر، ئۇيغۇر، 1991-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان ، يىڭىشەھەر ناھىيە دە ئولتۇرۇشلۇق.
جاۋاپكار قۇربانجان مەمەت، ئەر، ئۇيغۇر، 1989-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان، يىڭىشەھەر ناھىيەدە ئولتۇرۇشلۇق.
جاۋاپكار كامىلجان مەمەت، ئەر، ئۇيغۇر، 1993-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان، يىڭىشەھەر ناھىيەدە ئولتۇرۇشلۇق.
بىۋاستە ئەرىز بەرگۇچى تۇرسۇن تۇراپ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزگە جاۋاپكار قۇربانجان مەمەت، كامىلجان مەمەتلەر قەستەن زەخمىلەندۇرۇش (يىنىك زەخمە) جىنايىتى ئۆتكۇزۇپ مىنى زەخمىلەندۈرۈپ ئىقتىسادي زىيان كەلتۇرۇپ چىقاردى دىگەن ئاساس بىلەن دەۋا قىلغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلىپ، قانۇن بويىنچە ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ رەسمى ئوچۇق سوت قىلىشتىن بۇرۇن بىۋاستە ئەرىز بەرگۇچى ئالىمجان ئابدىكىرىم «سوت ئىچىلىشتىن ئىلگىرى مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن جاۋاپكار قۇربانجان مەمەت، كامىلجان مەمەتلەر بىلەن كىلىشىپ قالدىم. شۇڭا جاۋاپكار قۇربانجان مەمەت، كامىلجان مەمەتلەر ئۈستىدىن قىلغان ئەرزىمدىن كىچىش قارارىغا كەلدىم، مىنىڭ جاۋاپكار قۇربانجان مەمەت، كامىلجان مەمەتلەر ئۇستىدىن ھىچقانداق دەۋايىم يوق. سوت مەھكىمىسىگە بەرگەن دەۋايىمدىن كىچىمەن»دەپ مەھكىمىمىزگە يىزىقچە ئىلتىماس تاپشۇردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى، بىۋاستە ئەرىز بەرگۇچى ئالىمجان ئابدىكىرىمنىڭ دەۋادىن كىچىشنى ئىلتىماس قىلىشى يوللۇق، قوللاشقا بولىدۇ. بىۋاستە ئەرىز بەرگۇچى تۇرسۇن تۇراپنىڭ دەۋادىن كىچىشىگە يول قويۇش لازىم دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 206- ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە كىسىم قىلىندى.
بىۋاستە ئەرىز بەرگۈچى ئالىمجان ئابدىكىرىمنىڭ دەۋادىن كىچىشىگە يول قويۇلدى.
سوتچى بۇخلىچەم تۇرسۇن
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى
پۈتۈكچـى نۇرئىلى داۋۇت
|