添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
当前位置: 维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 3122 ج د 137-نومۇرلۇق

2016-08-04 12:08:42


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

                                   

(2016) ش 3122 ج د 137-نومۇرلۇق

ئەيىبلىگۈچى ئورگان يېڭىشەھەر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋابكار ئەنxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1989-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئاممىۋى، ئىشسىز، قەشقەر شەھرىدە ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن 2 قىتىم سوتلۇق بولغان. ئاخىرقى قىتىم ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۇچۇن قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك بىر يىل 7 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنىپ، 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۇنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن. بۇ قىتىم ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختۇتۇلۇپ، 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئىلىنغان. ھازىر يىڭشەھەر ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى (2016) 108-نومۇرلۇق ئەيىبنامىسى بىلەن جاۋابكار ئەنxxنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايى دىلوسىنى 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپنى قوللۇنۇپ تەنھا ئوچۇق سوت قىلدى. يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇۋاققەت تەپتىشى دىلنار يارمەمەت، تاھىرجان مەمەتئىمىن سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى. جاۋابكار ئەنxx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى. بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

يېڭىشەھەر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جاۋابكار ئەنxx 2016- يىلى 3- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى2 ئەتراپىدا، قىمار ئويناش ئۈچۈن، قەشقەر شەھرىدىن يېڭىشەھەر ناھىيىسىگە چىقىپ، يېڭىشەھەر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا تەرەپتە باشقىلار بىلەن قىمار ئويناپ ئۇتتۇرىۋەتكەندىن كىيىن، ئوغۇرلۇق قىلىش مەخسىتىدە يېڭىشەھەر ناھىيە تىيەنئەنمىڭمىن ئولتۇراق رايونى ئەتراپىغا كىلىپ، زىيانلانغۇچى ئەزىمەت ئابدۇۋايىتنىڭ ‹ۋاڭيى تورخانىسى›نىڭ ئالدىغا قولۇپ سېلىپ توختىتىپ قويغان ئىككى چاقلىق قىزىل رەڭلىك ياماخا ماركىلىق مايلىق 2660 يۈەن قىممىتىدىكى موتسىكىلىتنىڭ يىنىغا بىرىپ، رولغا قۇلۇپ سېلىغلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، چوڭ يولدىن ئۆتۈپ كىتىپ بارغان تونۇمايدىغان 35 ياشلار چاممىسىدىكى ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتتا كىرا قىلىدىغان ئادەمنى چاقىرىپ كىلىپ، ئوغۇرلىماقچى بولغان موتۇسىكىلىتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ «ماۋۇ مىنىڭ موتىسىكىلىتىم ئىدى، ئاچقۇچنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم، ئۆيۈم يېڭىشەھەر ناھىيە 1-ئوتتۇرا تەرەپتە ئىدى، موتسىكىلىتىمنى 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىغا كىرا قىلىپ ئاپىرىپ قويسىلا» دەپ يالغان سۆزلەپ 10 يۈەنگە كىرا قىلىپ ئوغۇرلاپ، ئوغۇرلىغان موتسىكىلىتنى كىراكەش بىلەن ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتغا بىسىپ بىللە يېڭىشەھەر ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، كىراكەشنى يولغا سىلىۋىتىپ، ئوغۇرلىغان موتسىكىلىتنىڭ رولىنىڭ قۇلپىسىنى تىپىپ بۇزۇپ ئېچىپ، قەشقەرگە يۆتىلەپ ئەكىرىپ، ئۆيىدە بىر كۈن ساقلاپ، موتسىكىلىت ئىگىسىنىڭ موتسىكىلىتنى تونۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئەتىسى قەشقەر تاختا كۆۋرۈك ئەتراپىدا ماشىنا سىرلايدىغان ئەمەت مەمەتكە «موتۇرىمنىڭ كازىسى جىجىلىنىپ كەتكەن ئىدى» دەپ يالغان سۆزلەپ، 150 يۈەنگە ئەسلىدىكى قىزىل سىرنىڭ ئۈسىتگە ئاق سىر چاچقۇزۇپ، زاجىگەننى باشقا رىمونتخانىدا ئالماشتۇرۇپ، ئۆزى مىنگەن. 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى جاۋابكار ئەنxx موتوسىكىلىتنى ئەزھەر ئەسقەرگە 3000 يۈەنگە سىتىپ، 1100 يۈەن پۇلنى ئالغان، قالغىنىنى ئەزھەر ئەسقەر موتۇسىكىلىتنىڭ رەسمىيتىنى قولغا ئالغاندا جاۋابكار ئەنxxغا بېرىدىغان بولغان. ھارام مال سىتىۋالغۇچى ئەزھەر ئەسقەر جاۋاپكاردىن سىتىۋالغان موتوسىكىلىتنى قەشقەر يىڭى بازار ئەتىراپىدا مىنىپ كىتىۋاتقاندا زىيانلانغۇچى زىيانلانغۇچى ئەزىمەت ئابدۇۋايىت موتوسىكىلىتىنى تونىۋىلىپ، قەشقەر شەھرى يىڭىبازار ساقچىخانىسىغا دىلو مەلۇم قىلغان. خەلق ساقچىللىرى ھارام مال سىتىۋالغۇچى ئەزھەر ئەسقەر بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھاجاۋاپكارنى قولغا چۇشۇرۇپ جاۋاپكارنى سوراق قىلىپ، دەلىل-ئىسپات توپلاپ دىلو پاش بولغان.

دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيانلانغۇچىنىڭ زىينى ئەسلىگە كەلگەن. جاۋابكار ئەنxxقا ئوغۇرلۇق جىنايىتىنى بىكىتىپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جازا بىرلىشى لازىم دەپ ئەيىبلىدى.

جاۋابكار ئەنxx، ئەيىپلەشنامىدە بىكىتىلگەن پاكىتلارنىڭ ھەممىسى راسىت دەپ قىلمىشىنى تولۇق ئىقرار قىلىپ ئۆزىنىڭ باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويمىدى.

يۇقارقى پاكىتلارنى زىيانلانغۇچى ئەزمەت ئابدىۋايىتنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە سۆھبەت خاتىرسى؛ جاۋابكار ئەنxxنىڭ نوپۇس ئىسپاتى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 05201604044-نومۇرلۇق قوبۇل قىلىنغان جىنايى ئىشلار دىلوسىنى تىزىملاش جەدۋىلى ۋە (2016) 062-نۇمۇرلۇق دىلو ئىچىش قارارنامىسى؛ يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 44-نۇمۇرلۇق توختۇتۇپ قويۇش گۇۋاھنامىسى؛ يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 096-نۇمۇرلۇق قولغا ئىلىش گۇۋاھنامىسى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ قىلىنغان ماددى بۇيۇملار تىزىملىگى شۇنداقلا قايتۇرۇلغان ماددى بۇيۇملار تىزىملىگى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك باھانى نازارەت قىلىش تەكشۈرۈش ئىدارىسنىڭ 2016009-نۇمۇرلۇق دىلوغا چىتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنى؛ يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016)018-نۇمۇرلۇق باھالاش خۇلاسىسىنى ئۇقتۇرۇش قىلىشنامىسى؛ جاۋابكار ئەنxxدىن ئىلىنغان سوراق خاتىرلىرى؛ گۇۋاھچى ئەزەرجان ئەسقەر، ئەمەت مەمەتلەردىن ئىلىنغان سۆھبەت خاتىرسى؛ جاۋاپكارنى تونىتىش خاتىرسى؛ نەخ مەيدان خاتىرسى، خەرىتىسى، نەخ مەيدان ۋە ھارام مالنىڭ سۇرىتى؛ زىيانلانغۇچى ئەزمەت ئابدىۋايىتنىڭ تاپشۇرۇپ ئىلىش ھۆججىتى؛ قەشقەر شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2014)272-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۇمنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلانغانلىغى ئۇچۇن مەھكىمىز تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىپ بېكىتىلدى.

مەھكىمىمز مۇنداق قارىدى: جاۋابكار ئەنxx قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەخسىدىدە باشقىلارنىڭ بىر قەدەر كۆپ مىقداردىكى مال-مۇلكىنى يوشۇرۇن ئىلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىپلىگەن پاكىت جىنايەتكە توشىدۇ. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە جازالاش لازىم. جاۋابكار بىر قىتىم ئوغۇرلۇق قىلىپ شەخسىلەرنىڭ 2660 يۇەن قىممىتىدىكى مال-مۈلىكىنى ئوغۇرلىغان بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مىقدارى كۆپرەك دىگەن ئۆلچەمگە چۇشىدۇ. جاۋاپكار ئىلگىرى ئوغۇرلۇق جخنايىتى بىلەن 2 قىتىم سوتلۇق بولغان تۇرۇقلۇق، ئاخىرقى قىتىملىق ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە ھۆكۇم قىلىنغان مۇددەتلىك قاماق جازاسى ئىجرا قىلىنىپ قويۇپ بىرىلگەندىن كىيىن ئارىدىن بەش يىل ۋاقىت ئۆتمەي تۇرۇپ يەنە ئوغۇرلۇق قىلغان. جاۋاپكارنىڭ ئالدىن قىتىملىق ۋە بۇ قىتىملىق جىنايىتىنىڭ ھەر ئىككىسى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بولۇپ، ئوغۇرلۇق جىنايىتى سوبىكتىپ جەھەتتە قەستەن ئۆتكۇزلىدىغان جخنايەت بولغاچقا جاۋاپكارنى تەكرار جىنايەت ئۆتكۇزگەن دەپ ئىغىر جازا بىرىشكە تىگىشلىك. جاۋابكارنىڭ ئوغۇرلۇق قىتىم سانى بىر قىتىم، دىلو پاش قىلىنغاندىن كىيىن زىيان ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن. جاۋابكار سوتتىمۇ جىنايىتىنى تولۇق ئىقرار قىلىدۇ. شۇڭا جاۋابكارنىڭ ئوغۇرلۇق قىتىم سانى، ئوغۇرلۇق سوممىسى، ئەسلىگە كىلىش ئەھۋالى، سوتتىكى جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىقلارنى جازا ئكلچىگەندە پەرىقلەندۇرۇش لازىم دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددا، 52-ماددا، 65-ماددا، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكىرىتنى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتىنىڭ 1-ماددا 1-تارماقنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

جاۋابكار ئەنxxنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە مۇددەتلىك ئون ئايلىق قاماق جازاسى، قوشۇمچە 3000 يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۇم قىلىندى؛

جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۇندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ. ھۆكۇم ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان بولسا ئالدىن قاماپ تۇرۇلغان بىر كۇن جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۇنىگە سۇندۇرلۇپ ھىساپلىنىدۇ. يەنى جاۋابكارنىڭ جازا مۇددىتى 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۇنى باشلىنىپ 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۇنى ئاخىرلىشىدۇ.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز ( ئىتىراز ) بېرىشكە بولىدۇ. يازما نارازىلىق ئەرز ( ئىتىراز ) بەرگەندە نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر نۇسخا، كۆچۈرمىسىدىن 5 نۇسخا تاپشۇرۇش كېرەك.

سوتچى  بۇخلىچەم  تۇرسۇن دا

 

2016-يىلى7-ئاينىڭ 11-كۈنى

پـۈتـۈكـچــى ئالىمجان ئابدىرشىت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆疏勒县法院网

关闭窗口

教育整顿举报电话:0998-6539502 书记信箱地址:slxfy_shuji@163.com 院长信箱地址:slxfy_yuanzhang@163.com  

Copyright© 2024 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 10455085 位访客