添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
当前位置: 维文裁判文书 -> 刑事文书

(2016) ش 3122 ج د 121-نومۇرلۇق

2016-08-01 18:10:24


 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

(2016) ش 3122 ج د 121-نومۇرلۇق

ئەيىبلىگۈچى ئورگان يېڭىشەھەر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋابكار ئەنxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1991- يىلى 2- ئاينىڭ 20- كۈنى تۇغۇلغان. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىسيىگە ئىگە، ئاممىۋى، دېھقان. يېڭىشەھەر ناھىيەدە ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، بۇ قېتىم ئوغۇرلۇق جىنايتى گۇمانى بىلەن 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى يېڭشەھەر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن توختۇتىلىپ، 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئىلىنغان. ھازىر يىڭشەھەر ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى (2016) 93-نومۇرلۇق ئەيىبنامىسى بىلەن جاۋابكار ئەنxxنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايى دىلوسىنى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپنى قوللۇنۇپ تەنھا ئوچۇق سوت قىلدى. يىڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى سەيپۇللا ھەسەن، ئايگۇل مىجىت سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى. جاۋابكار ئەنxx سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى. بۇ دېلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

يېڭىشەھەر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئەنxx 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 2:00 ئەتىراپىدا، يېڭىشەھەر ناھىيە خۇا دوڭ دوختۇرخانېسىغا ئايالى ئايشەمگۇلنىڭ كىسىلىنى تەكشۇرىتكىلى كىلىپ، بالنىسىت بۆلۈمىنىڭ ئالدىدا توختۇتۇپ قويۇلغان زىيانلانغۇچى سۇلايمان ئسىمائىلنىڭ 4200 يۇەن قىممىتىدىكى بىر دانە «خاۋجۆ» ماركىلىق ئىككى چاقىلىق قىزىل رەڭلىك ئەرەنچە موتىسىكىلىتنىڭ بويان قۇلۇپىنى بۇزۇپ ئوغۇرلاپ چىقىپ، يېڭىشەھەر ناھىيە يېڭىئېرىق يىزا 1- كەنىتتىكى ئۆيىگە ئاپىرىپ يوشۇرۇپ قويغان.

دىلو زىيانلانغۇچى تەرپىدىن مەلۇم قىلىنغاندىن كىيىن ج خ ساقچىلىرى رازىۋېتكا قىلىش ئارقىلىق، جاۋابكار ئەنxxنى تۇتۇش بىلەن بىرگە، جاۋابكارنىڭ ئۆيىدىن ھارام مالنى قولغا چۈشۈرۈپ، جاۋاپكارنى سوراق قىلىش ئارقىلىق جاۋابكار ئەنىۋەر ھۆسىيۈن قىلمىشىنى ئىقرار قىلىپ دىلو پاش بولغان.

دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ زىينى ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن.

يېڭىشەھەر ناھىيىلىك باھانى نازارەت قىلىش تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 2016008 نومۇرلۇق دىلوغا چىتىشلىق بويۇملارنى باھالاش يەكۈنىدە: «خاۋجۆ» ماركىلىق ئىككى چاقىلىق موتىسىكىلىتنىڭ باھاسى 4200 يۇەن» دەپ باھالاپ بىكتىلگەن. جاۋابكار ئەنۋەر ھۇسۇيىنقا ئوغۇرلۇق جىنايىتىنى بىكىتىپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جازا بىرلىشى لازىم دەپ ئەيىبلىدى.

جاۋابكار ئەنxx ئەيىپلەشنامىدە بىكىتىلگەن پاكىتلارنىڭ ھەممىسى راسىت دەپ قىلمىشىنى تولۇق ئىقرار قىلىپ ئۆزىنىڭ باشقىچە پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويمىدى.

يۇقارقى پاكىتلارنى زىيانلانغۇچى سۇلايمان ئىسمايىلنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە سۆھبەت خاتىرسى؛ جاۋابكار ئەنۋەر ھۇسۇيىننىڭ نوپۇس ئىسپاتى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 0520160304-نومۇرلۇق قوبۇل قىلىنغان جىنايى ئىشلار دىلوسىنى تىزىملاش جەدۋىلى ۋە (2016) 55-نۇمۇرلۇق دىلو ئىچىش قارارنامىسى ۋە دىلو پاش قىلىش دوكلاتى؛ يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 43-نۇمۇرلۇق توختۇتۇپ قويۇش گۇۋاھنامىسى؛ يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 97-نۇمۇرلۇق قولغا ئىلىش گۇۋاھنامىسى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ قىلىنغان ماددى بۇيۇملار تىزىملىگى شۇنداقلا قايتۇرۇلغان ماددى بۇيۇملار تىزىملىگى؛ يېڭىشەھەر ناھىيىلىك باھانى نازارەت قىلىش تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 2016008 نومۇرلۇق دىلوغا چىتىشلىق بويۇملارنى باھالاش يەكۈنى؛ يىڭىشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2016) 17-نۇمۇرلۇق باھالاش خۇلاسىسىنى ئۇقتۇرۇشقىلىشنامىسى؛ جاۋابكار ئەنxxدىن ئىلىنغان سوراق خاتىرلىرى؛ نەخ مەيدان خاتىرسى، خەرىتىسى، نەخ مەيداننىڭ سۇرىتى؛ نەخ مەيداننى تونىتىش خاتىرسى؛ زىيانلانغۇچى سۇلايمان ئىسمايىلنىڭ تاپشۇرۇپ ئىلىش ھۆججىتى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلانغانلىغى ئۇچۇن مەھكىمىز تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىپ بېكىتىلدى.

مەھكىمىمز مۇنداق قارىدى: جاۋابكار ئەنxx قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەخسىدىدە باشقىلارنىڭ بىر قەدەر كۆپ مىقداردىكى مال-مۇلكىنى يوشۇرۇن ئىلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىپلىگەن پاكىت جىنايەتكە توشىدۇ. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە جازالاش لازىم. جاۋابكار بىر قىتىم ئوغۇرلۇق قىلىپ شەخسىلەرنىڭ 4200 يۇەن قىممىتىدىكى مال-مۈلىكىنى ئوغۇرلىغان بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مىقدارى كۆپرەك دىگەن ئۆلچەمگە چۇشىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئوغۇرلۇق قىتىم سانى بىر قىتىم، دىلو پاش قىلىنغاندىن كىيىن زىيان ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن. جاۋابكار سوتتىمۇ جىنايىتىنى تولۇق ئىقرار قىلىدۇ. شۇڭا جاۋابكارنىڭ ئوغۇرلۇق قىتىم سانى، ئوغۇرلۇق سوممىسى، ئەسلىگە كىلىش ئەھۋالى، سوتتىكى جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى، تۇنجى قىتىيم سوتلۇق بولغانلىغى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۇرۇپ يىنىك جازا بىرىش لازىم دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددا، 52-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكىرىتنى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتىنىڭ 1-ماددا 1-تارماقنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

جاۋابكار ئەنxxنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە تۆت ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى، قوشۇمچە 1000 يۇەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۇم قىلىندى؛

جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۇندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ. ھۆكۇم ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان بولسا ئالدىن قاماپ تۇرۇلغان بىر كۇن جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۇنىگە سۇندۇرلۇپ ھىساپلىنىدۇ. يەنى جاۋابكارنىڭ جازا مۇددىتى 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۇنى باشلىنىپ 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۇنى ئاخىرلىشىدۇ.

بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز ( ئىتىراز ) بېرىشكە بولىدۇ. يازما نارازىلىق ئەرز ( ئىتىراز ) بەرگەندە نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر نۇسخا، كۆچۈرمىسىدىن 5 نۇسخا تاپشۇرۇش كېرەك.

سوتچى  بۇخلىچەم تۇرسۇن داۋۇت

2016-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى

پـۈتـۈكـچــى ئالىمجان ئابدىرشىت

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆疏勒县法院网

关闭窗口

教育整顿举报电话:0998-6539502 书记信箱地址:slxfy_shuji@163.com 院长信箱地址:slxfy_yuanzhang@163.com  

Copyright© 2024 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2

您是第 10456011 位访客